导航切换

رەڭدار شىنجاڭ مەدەنىيىتى چەت ئەللىك مۇخبىرلار، ۋاڭخۇڭلارنى جەلپ قىلدى

日期:2024年10月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

مەيلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا بولسۇن، ياكى قەدىمىي كوچا، تار كوچىلارغا كىرگەندە بولسۇن، ھەربىر جايغا بارغاندا، شۇ جايدىكى سودىگەرلەر، ئامما خۇشال ـ خۇرام ناخشا ئېيتىپ، شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو . ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» تېمىسىدىكى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۆمىكىگە قاتناشقان چەت ئەللىك مۇخبىرلار، ۋاڭخۇڭلار شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىگە «تويۇندى».

10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 23 ـ كۈنىگىچە، 20دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مۇخبىر، ۋاڭخۇڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيار خاتىرە سارىيى، دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونى، پاكلىك كەلگۈسى يېزا ـ كەنتى، قىزىلقاغا تۇرى، كۈسەن كوچىسى قاتارلىق ئون نەچچە جاينى زىيارەت قىلدى.

يول بويى، كۆپچىلىك شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن مېھماندوستلۇقى ۋە قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

«شىنجاڭ ناخشا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۇسسۇل توختاپ قالمايدىغان جاي ئىكەن.» جۇڭگو چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشر قىلىش ـ تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان مەركىزىنىڭ ياپونىيەلىك مۇخبىرى جىيې يوۋخې مۇنداق دېدى: يان تېلېفوندا شىنجاڭنىڭ 100دىن ئارتۇق ناخشا ـ ئۇسسۇل سىن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىۋالدىم.

كۇچا شەھىرىنىڭ كۈسەن كوچىسىدىكى «بوۋامنىڭ ئۆيى» ئائىلە زىيارىتى نۇقتىسىدا، ئارتىسلار شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىغا ناخشا ـ ئۇسسۇل ئورۇنلاپ بەردى. «ئۇ قانداق قىلىپ بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغاندۇ؟» جۇڭگو چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشر قىلىش ـ تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان مەركىزىنىڭ بىرمىلىق مۇخبىرى تۇڭ سىدۇ ناھايىتى قىزىقتى، چىنە ئۇسسۇلى ئوينايدىغان بوۋاي سەككىز چىنە، بىر چەينەك قويۇلغان پەتنۇسنى بېشىدا كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئوينىدى، سەھنە جابدۇقلىرى شۇنداق ئېغىر بولسىمۇ، بىر مەيدان ئۇسسۇلنى ئويناپ بولغۇچە چۈشۈپ كەتمىدى، ئەجەبا بۇ يەردە بىرەر سېھىرگەرلىك بارمۇ؟

سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردىن تۇڭ سىدۇ شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىنىڭ كارامىتىگە ھەيران قالدى.

دولان قەبىلىسى مەنزىرە رايونىدا، جۇڭگو چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشر قىلىش ـ تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ياۋروپا ـ ئاسىيا مەركىزىنىڭ رۇسىيەلىك مۇخبىرى ئېلىكس بوزىدايېۋا داپ رىتىمى كۈچلۈك بولغان دولان ناخشا ـ ئۇسسۇللىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئىختىيارسىز سەھنىگە چىقىپ، كەسپىي ئۇسسۇلچىلار بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى. «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىكەن.» ئېلىكس بوزىدايېۋا مۇنداق بىلدۈردى: سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ تىنچ ـ ئىناق ئىكەنلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن.

شىنجاڭلىقلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرۈشى قان ـ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن گېن. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى جىنخۇا يېڭى كەنتىدە، چەت ئەللىك مۇخبىرلار، ۋاڭخۇڭلار ھەربىر ئائىلە زىيارەت نۇقتىسىغا كىرگەندە، ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىندى، كۈتۈۋالغۇچىلارنىڭ چوڭى 60 ـ 70 ياشلىق ياشانغانلار، كىچىكى ئىككى ـ ئۈچ ياشلىق بالىلار بولۇپ، ھەممىسى ئۇسسۇل ئوينىيالايتتى. جىنخۇا يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى تۇرسۇننىڭ ئۆيىدە، تايلاندلىق ۋاڭخۇڭ چېن مۇيۈن تەمبۇرنى قانداق چېلىش، داپنى قانداق تەڭكەش قىلىش توغرىسىدا تەپسىلىي سوراپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇدا بىرنەچچە كۈن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن چەت ئەللىك مۇخبىر، ۋاڭخۇڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ بوينىنى ئېتىش ھەرىكىتىنى ئۆگىنىۋالدى. جۇڭگو تورىنىڭ پېرۇلۇق مۇخبىرى پېڭ رۇي بۇ قېتىمقى سەپەرنى تاماملىغۇچە مەشرەپ ئويناشنى ئۆگىنىۋېلىشنى ئۈمىد قىلدى.