10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 12دە
قومۇل-دۇنخۇاڭ تاشيولىدا
(شىنجاڭ S245 لىنىيەسى گەنسۇ S240 لىنىيەسىگە ئۇلىنىدۇ)
قاتناش باشلاندى
ئىككى جاينىڭ تاشيول مۇساپىسى ئىلگىرىكىدىن 60 كىلومېتىرغا يېقىن قىسقاردى
قاتناش باشلانغاندىن كېيىن
S245 لىنىيەسى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يېڭى تاشيول بولۇپ قالدى
10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 12دە، S245 لىنىيەسىنىڭ قومۇل-دۇنخۇاڭ تاشيول تۈرىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە. پولات نىياز فوتوسى
S245 لىنىيەسىنىڭ قومۇل-دۇنخۇاڭ تاشيولى تۈرىدە 2022-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنى جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق-قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما چوڭ يولى ئەرداۋخۇدا بولۇپ، S328 لىنىيەسى، X091 لىنىيەسى، X101 لىنىيەسى (شاچۈەنزىدىن دۇڭيەنخۇغىچە) قاتارلىق تاشيوللار بىلەن كېسىشىدۇ، ئاخىرقى نۇقتىسى گەنسۇ ئۆلكىسىS240 لىنىيەسىنىڭشىنجاڭ، گەنسۇ تەۋەسىدىكى بۆلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 186.187 كىلومېتىر بولۇپ، 2-دەرىجىلىك تاشيول.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى