导航切换

جۇڭگودا ئۇچرىشىش . شىنجاڭ ئۇچرىشىشى | چەت ئەل ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى دۆربىلجىندە داكا قىلىپ، قاپاق داغلىما رەسىملىرىدىن ھوزۇرلاندى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى

日期:2024年10月28日
来源:天山网
【字体:


10-ئاينىڭ 23-كۈنى، «جۇڭگودا ئۇچرىشىش. شىنجاڭ ئۇچرىشىشى» 2024-يىللىق خەلقئارا تاراتقۇلار زىيارەت ئۆمىكى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىگە كەلدى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، نېپال، كولومبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى ئۆزگىچە بولغان قاپاق داغلىما رەسىمسەنئىتىنى چوڭقۇر چۈشەندىھەمبۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ قول ھۈنەر-سەنئەت جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى.

ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى قاپاق داغلىما رەسىمىنىڭ ياسىلىشجەريانىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىدى. رەسساملار ئۇلارغا قاپاق داغلىما رەسىمىنىڭ تارىخىي مەنبەسى، ياساش قوراللىرى، شۇنداقلا ئىجادىيەت ماھارىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمنەق مەيداندا قاپاققا نەپىس نەقىشلەرنىڭ داغمالدا قانداق سىزىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى رەسساملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن داغمالنى قولىغا ئېلىپ، قاپاققا ئۆزلىرىنىڭئىجادىي تەپەككۇرىنى سىزىپ چىقتى. ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تاراتقۇ ئىجادىيەتچىلىرى قاپاق داغمال رەسىمىدىن ئىبارەتبۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتكە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ۋە تونۇشقا ئىگە بولدى، ئۇلار قىسقا سىن ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت-سەنئىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىش پۈرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  مۇخبىر: جۇڭ جاۋفېڭ

  نازارەتچىلەر: شۆ جىڭ، چېن فېڭ