10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى پاقىلىق كەلگۈسى يېزا-كەنتىگە بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى،فوتوسى ) 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو. ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلار، ۋاڭخۇڭلارنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش بويىچە تارقىتىش پائالىيىتى ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى پاقىلىق كەلگۈسى يېزا-كەنتى ۋە ئونسۇ بازىرىنىڭ جىنخۇا يېڭى كەنتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ يېزا-كەنت ساياھىتىگە پائال قاتنىشىپ، خاس باغ-ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى توغرىسىدىكى جانلىق ھېكايىلەرنى ئىگىلىدى.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى پاقىلىق كەلگۈسى يېزا-كەنتىدە مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى قويۇق مەدەنىيەت ئاساسى ۋە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان ساياھەتچىلىكماركىسىنى يارىتىپ، ساياھەت ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئونسۇ ناھىيەسى 1 مىليون 259 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك خاس باغ-ئورمانچىلىق بازىسى قۇردى، باغ-ئورمانچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 587 مىڭ 200 توننا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 788 مىليون يۈەن بولدى. خاس باغ-ئورمانچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، تايلاندلىق ۋاڭخۇڭ چېن مۇجۈن(ئوڭدىن 1-كىشى) ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى جىنخۇا يېڭى كەنتىدە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىدىن داپ چېلىشنى ئۆگەنمەكتە.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى پاقىلىق كەلگۈسى يېزا-كەنت بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە خىزمەتچى خادىملارنى زىيارەت قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئونسۇ ناھىيەسى باۋيۈەنمېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى جىنخۇا يېڭى كەنتىدىكى فاڭسۇ. ۋويىلا باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتى كەسپى باش تېما كەنتىدە مىللىي خاسلىققا ئىگە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ لايىھەلىنىش، تىكىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى