ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا، شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مېتال تاۋلاش سېخىدا پېچتىكى ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، ئىشچىلار مېتال تاۋلاش پېچى ئالدىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. تەييار مەھسۇلات سېخىدا تىتان مېتال نۆكچىسى، تىتان قېتىشمىسى يۆگىمە ماتېرىيالى قاتارلىقلار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ئەمدىلا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چۈشكەندىكى قالدۇق ئىسسىقلىق تارقىلىپ تۇراتتى.
قومۇل شەھىرىنىڭ ۋانادىي - تىتان بايلىقى مول، كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر تىتان مېتالى تاۋلاش ھەم تىتان قېتىشمىسى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىسى بولۇپ، بۇلۇتسىمان تىتان ۋە تىتان ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بىردەك مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ.
«قومۇل ۋانادىي - تىتان كەسپىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ مېتال ماتېرىيال كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ۋانادىي - تىتان بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بىز دۆلەتنىڭ ۋانادىي - تىتان كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ ۋانادىي - تىتان كەسپى تەرەققىياتىدىكى 3 - قۇتۇپقا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» يېقىندا ئېچىلغان 2024 - يىللىق جۇڭگو (قومۇل) ۋانادىي - تىتان زەنجىرى سودا يىغىنىدا، دۆلەت ۋانادىي - تىتان كەسپى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى جاڭ باڭشۈ شىنجاڭنىڭ ۋانادىي - تىتان كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ناھايىتى ئۈمىد بىلەن قارىدى.
ۋانادىي بىلەن تىتان بىردەك ئاز ئۇچرايدىغان مېتالغا تەۋە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، دېڭىز - ئوكيان قۇرۇلۇشى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي قوللىنىلىدۇ، ۋانادىي - تىتان بايلىقى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان بايلىققا تەۋە، بولۇپمۇ ۋانادىي مېتالى بايلىقىنىڭ قىسلىقى، مۇھىملىقى سىرەك توپىدىن قېلىشمايدۇ.
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ پەنجىخۇا شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى جاي مول ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كان زاپىسى ۋە ئىلغار بولغان ۋانادىي - تىتان تاۋلاش، پىششىقلاش تېخنىكىسىغا ئىگە بولغاچقا، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگونىڭ ۋانادىي - تىتان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى 1 - قۇتۇپ، 2 - قۇتۇپ دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىچىدىكى ۋانادىي - تىتان كەسپى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا ۋەكىللىرى نەزەرىنى يەنە شىنجاڭغا قاراتتى − شىنجاڭدا مول ۋانادىي - تىتان بايلىقى بار، قومۇلنى ۋەكىل، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىنى داۋاملاشما قىلغان ۋانادىي - تىتان كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋانادىي - تىتان كەسىپ خەرىتىسىدە شىنجاڭدىن ئىبارەت «3 - قۇتۇپ» بارلىققا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
كان ئىزدەش ھەرىكىتىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش
بۇ يىل 8 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق رەڭلىك مېتال گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى 704 - ئەترىتىدىكى گېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى قومۇل شەھىرىنىڭ ۋېييا رايونىدا يېڭى ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كان ياتمىسىنى بايقىدى، مۆلچەرلەنگەن بايلىق زاپىسى 358 مىليون توننا، مۆلچەرلەنگەن ھەمراھ تىتان بايلىق مىقدارى 21 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كان ياتمىسى دەرىجىسىگە يېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قومۇل ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كانىنىڭ مۆلچەرلەنگەن بايلىق زاپىسى 2 مىليارد توننىغا يەتكەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇندا تۇراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە زاپاس ساقلانغان ۋانادىي - تىتان بايلىقىنىڭ رۇدا سۈپىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئىدى.
ۋېييا ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كانىدا يېڭى كان ياتمىسىنىڭ بايقىلىشى ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى بويىچە قومۇل رايونىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ بىرى.
قومۇل شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى كان باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ گوچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ۋېييا ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كانى كان رايونىنىڭ چوڭقۇر قىسمى ھەم ئەتراپى يەنىلا بىرقەدەر ياخشى كان ھاسىل بولۇش شارائىتى ۋە كان ئىزدەش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، قومۇل شەھىرى يېڭى كان ئىزدەش تۈرىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىدا يەنىمۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۆلچەرلەندى.
مارالبېشى ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كان بايلىقى مول رايون ھېسابلىنىدۇ.
مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يەكەن دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان ۋاجىل تاغ ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كانى كان رايونىنىڭ كۆلىمى 50 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ۋانادىي - تىتان بايلىق زاپىسى مول.
بۇ يىل، مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەت ۋانادىي - تىتان كەسىپ ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ، ۋانادىي - تىتان بايلىقىنى قېزىش، رۇدا تاللاش، تاۋلاشتىن ئىبارەت ئېچىش مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە رۇدا تاللاش زاۋۇتىنىڭ 1 - قارارلىق تۈرى بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈپ، ھەر يىلى 800 مىڭ توننىدىن 1 مىليون توننىغىچە ئەسلىي كاندا قېزىلغان رۇدىلارنى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ۋانادىي - تىتان بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9 - ئايدا، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت گۇاڭدۇڭ خۇييۈن تىتان كەسپى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تولۇق مەبلەغلىق بالا شىركىتى − چىڭگىل ناھىيەسى خۇييۈن كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋىۋىسكا ئېسىپ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسى ئاقۋاننا ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كانىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، كان چارلاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
مەملىكەت بويىچە ۋانادىي - تىتان كەسىپ زەنجىرىگە قوشۇلۇش
ۋانادىي - تىتان - ماگنىت كانى تاۋلاش جەھەتتە پېچقا كىرگۈزۈلىدىغان رۇدا سۈپىتى تۆۋەن بولۇش، تۆمۈر داشقىلىنىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى بولۇش، داشقال ۋە تۆمۈرنى چىقىرىۋېتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، تاۋلاش قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى كان تۈرى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ساھە ئىچى - سىرتىدا مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ۋانادىي - تىتان تاۋلاش تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتتى.
پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش شىنجاڭنىڭ ۋانادىي - تىتان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
قومۇلدا تىتان مېتالى كەسپىنى ۋەكىل قىلغان ۋانادىي - تىتان كەسپى تەرەققىياتىنىڭ قاتتىق يادرولۇق ئەمەلىي كۈچى بەرپا قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ شياڭشېڭ يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قومۇلغا ماكانلاشقان ئون يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 نەچچە تۈردە دۆلەت دەرىجىلىك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، «ساپ تىتان رۇدىسى − يۇقىرى تىتانلىق داشقال − تېتراخلورىد تىتان − بۇلۇتسىمان تىتان − تىتان (قېتىشما) نۆكچىسى − تىتان ماتېرىيالى» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە تىتان مېتالىنى تاۋلاش ھەم تىتان قېتىشمىسى ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىسىغا ئايلاندى.
نۆۋەتتە، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇاتەي يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 30 مىڭ توننىلىق تىتان ھەم تىتان قېتىشمىسى تۈرى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قومۇل يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ تولۇق تىتان ھەم تىتان قېتىشمىسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدۇ.
باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قومۇل ۋانادىي - تىتان كەسپى دۆلىتىمىزنىڭ ۋانادىي - تىتان كەسىپ زەنجىرىگە مۇستەھكەم قوشۇلدى.
قومۇل رايونىدا، شىنجاڭ دائەن ئالاھىدە تىپتىكى پولات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋانادىي پېنتوكسىد ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 6000 توننىغا يەتتى. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت جۇڭخې خۇايۈەن تىتان دىئوكسىد پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى − قومۇل جۇڭخې ۋانادىي - تىتان چەكلىك شىركىتى 2023 - يىلى 3 - ئايدا قۇرۇلۇپ، قومۇل ۋانادىي - تىتان بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى.
2024 - يىللىق جۇڭگو (قومۇل) ۋانادىي - تىتان زەنجىرسىمان سودا يىغىنىدا، قومۇل شەھىرى شىنجاڭ شىنخۇا سۇ ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش پاي چەكلىك شىركىتى، جېجياڭ شىڭچېن يېڭى ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق باتارېيەسىنىڭ يۇقىرى ئاكتىپلىقتىكى ئېلېكتىرولىتىنى ياساش بازىسى تۈرى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ تۈرگە 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 - قاراردا 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىلىغا 100 مىڭ كۇب مېتىر يۇقىرى ئىقتىدارلىق تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق باتارېيەسىنىڭ ئېلېكتىرولىتى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. گۇاڭدۇڭ فۇۋېيدې كەپشەرلەش پاي چەكلىك شىركىتى قومۇلدا 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز قېزىشقا ئىشلىتىلىدىغان تىتان قېتىشمىلىق ئۇلانما نېفىت تۇرۇبىسى ۋە خىمىيە سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تىتان قېتىشمىلىق ئۈسكۈنە، قاچا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى قۇرىدۇ، بۇ تۈر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
«شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ۋانادىي - تىتان بايلىقىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىپ پايدىلىنىشتا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ.
كەسىپنى تۇتۇپ، يېڭى پۇرسەتنى قايتا يارىتىش
بۇ يىل 8 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆز ئالدىغا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تۈر ئومۇمىي كۆلىمى ئىچىدە، تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق باتارېيەسى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20كە، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ئومۇمىي مىقدارى 6 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ.
ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئالغا سىلجىتىلىشى ۋانادىي بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى، قومۇل شەھىرى ئەمدىلا كېلىشىم ئىمزالىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق باتارېيەسى ئېلېكتىرولىت تۈرى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى.
2024 - يىللىق جۇڭگو (قومۇل) ۋانادىي - تىتان زەنجىرسىمان سودا يىغىنىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو جەنۇب پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ تيەنشوۋ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ ۋانادىي كان كەسپىدىكى ئەۋزەللىكلەر گىرەلەشتۈرۈلسە، تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق باتارېيەسى ناھايىتى تېزلا تەننەرخ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ، كەڭ كۆلەملىك شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىلىرىنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلىنىدۇ، ۋانادىي مېتال كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق بولىدۇ.
«دۇنيادىكى ۋانادىي - تىتان كەسپى جۇڭگوغا يۆتكەلمەكتە، جۇڭگونىڭ ۋانادىي - تىتان كەسپى بايلىقى مول جايلارغا توپلانماقتا.» دۆلەت ۋانادىي - تىتان كەسىپ ئىتتىپاقىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى جى گۇاڭلىن «كەسىپنى قايتا بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋانادىي - تىتان بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنىڭ 3 - قۇتۇپىنى بەرپا قىلىش» مەخسۇس تېمىلىق نۇتقىدا، قومۇلنىڭ كەسىپنى قايتا بەرپا قىلىش يېڭى پۇرسىتىنى تۇتۇپ، ۋانادىي - تىتان كەسپىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يولىنى تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: قومۇل شەھىرى ۋانادىي - تىتان كەسپى تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىش يۈزلىنىشىنى پائال ئىگىلەپ، كۆلەم جەھەتتە ئالدىدا مېڭىشتىن پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يول باشلاشقا ھالقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
«ۋانادىي - تىتان كەسپى قومۇلنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قومۇل كەسىپ تەرەققىياتىدا ئاپتونوم رايوننىڭ <توققۇز چوڭ كەسىپ توپى> تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋانادىي - تىتان كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىمىدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋانادىي - تىتان كەسپىدىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى بازار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەسىپنى يېڭىلاپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، زامانىۋى سانائەت سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى غۇلامجان رېھىم.