导航切换

4 - پەسىلدە ئاتاكىغا ئۆتۈشتە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، تاماملاش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

日期:2024年10月28日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش ھەم 4 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

4 - پەسىلدە ئاتاكىغا ئۆتۈشتە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، تاماملاش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىلى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش ھەم 4 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، جان تىكىپ ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەر ئارقىلىق 4 - پەسىلدە ئاتاكىغا ئۆتۈشتە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، ئىقتىسادتا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تاماملاش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشى كېرەك. كۈزلۈك ئاشلىقنى تېز يىغىش، كۈزگى بۇغداي تېرىش، چارۋىلارنى قىشلىق يايلاق كۆچۈرۈش قاتارلىقلارنى ياخشى تۇتۇپ، چارۋىچىلىقتا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. كۆمۈرنى مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، كانچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، سانائەتنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى پۇختىلاش كېرەك. يىل ئاخىرىدىكى ئىستېمالنىڭ ئاۋات پەسلىنى چىڭ تۇتۇپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆي - زېمىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمال ئېھتىياجىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، قار - مۇز ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قاتتىق تۇتۇپ، يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي نىشاننى تاماملاش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. تاشقى سودىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پورتلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆلەم ئۆلچىمىگە يەتكەن ئورۇنلارنى ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىستاتىستىكا خىزمىتى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن مۇھىت قوغداشنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم پەن - تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2024 - يىلىدىكى ئون خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بازار تەمىناتى ۋە كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىق خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئۆي - زېمىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇملۇق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يىل ئاخىرى، يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك.

يىغىندا ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، شۆ بىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن يىغىنغا قاتناشتى.