مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى توققۇز ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 63 مىليون 810 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئاشقان.
ئالدىنقى توققۇز ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ كۆمۈر توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 110 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.