导航切换

89 تۈردە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 111 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى

日期:2024年10月25日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە 3 - مەيدان مەركەزلىك تونۇشتۇرۇش يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئالدىنقى سەپ-ئارقا سەپ ئورۇنلىرى ھەم 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى 240تىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىللىرى قاتناشتى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانىلار بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىم تۈرىدىن 58نى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 44 مىليارد 755 مىليون يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇددىئا كېلىشىمى ھەم رامكا كېلىشىمى تۈرىدىن 31ى ئىمزالىنىپ، سېلىنماقچى بولغان مەبلەغ 67 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولدى. بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر سودا ئەشيا ئوبوروتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، مەدەنىيەت-ساياھەت، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.