ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فاڭ خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شاڭخەي-شىنجاڭ ئىككى جايدىكى كىنوچىلار ھەمكارلاشقان «دادام يىراقتا» ناملىق كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
«دادام يىراقتا» ناملىق كىنونىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلىرى تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ فوتوسى
«دادام يىراقتا» ناملىق كىنودا «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى» جياڭ ۋەنفۇ ئەسلىي تىپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ 17 ياش ۋاقتىدا شاڭخەيدىن چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى ئېگىزلىك چارۋىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، دوختۇر كەمچىل، دورا قىس بولغان ئېگىزلىك چارۋىچىلىق رايونىدا 43 يىل چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاغرىقلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى تۈگىتىپ، ھاياتىنى قۇتقۇزغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. فىلىمدە جياڭ ۋەنفۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قىزى جياڭ شىننىڭ دادىسىنىڭ جەسەت كۈلىنى ئېلىپ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ دەپنە قىلغانلىقى يىپ ئۇچى قىلىنغان، يول بويى ئۇچراتقان دادىسى ئىلگىرى قۇتقۇزغان، ياردەم بەرگەن ئاغرىقلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق دوختۇرنىڭ ئاددىي ئەمما ئۇلۇغ ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جياڭ ۋەنفۇنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدا كونكرېتلاشتۇرۇپ نامايان قىلىنغان.
«دادام يىراقتا» ناملىق فىلىمدە جياڭ ۋەنفۇنىڭ رولىنى ئالغان تۇڭ رۇيشىن.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ فوتوسى
فىلىمنى شاڭخەي يىرو مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى، شاڭخەي شياڭشېڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلەش، تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن ھەم سىنغا ئالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، شاڭخەي كىنوچىلىق (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئارتىسلىرى، تىياتىر ئۆمىكى بىرلىكتە سىنغا ئېلىپ ئىشلىگەن.
«دادام يىراقتا» ناملىق كىنودىكى كۆرۈنۈش سۈرىتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ فوتوسى