导航切换

شىنجاڭدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى 20 يۈەن ئۆستۈرۈلدى

日期:2024年10月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ) 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «2024- يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2024- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ھەر بىر كىشىگە ئايدا 20 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، ئېيىغا 185 يۈەنگە يەتكۈزۈلگەن.

يېقىندا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئالىدىغان 1 مىليون 348 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشىلىپ، ئەمەلىيلىشىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تەڭشەلگەن ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنىڭ دەل ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدىن پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىستېما پارامېتىرلىرىنى سەپلەش، سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش، چىقىم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى.

شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ئىسچوتتىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ، شەخسىينىڭ ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قانچە ئۇزۇن بولسا، شەخسىينىڭ ئىسچوتتىكى جۇغلانما ئومۇمىي سوممىسى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان تەمىناتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇش دەرىجىسى 12 دەرىجە بولۇپ، 200 يۈەندىن 5500 يۈەنگىچە بولىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاھالىلەر 12 دەرىجە ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغان 200 يۈەنلىك دەرىجىنى تاللاپ ھەق تاپشۇرغانلارغا مالىيەدىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 55 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ ئەڭ يۇقىرى بولغان 5500 يۈەنلىك دەرىجىنى تاللاپ ھەق تاپشۇرغانلارغا مالىيەدىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 270 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى سۇغۇرتىغا پائال قاتنىشىش، داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇش، شەخسىي ئىسچوت جۇغلانمىسىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ئاۋاز قوشۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا يولغا قويۇش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى