导航切换

نېمە ئۈچۈن جۇڭگو. شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز | «بىر ئىستاكان قەھۋەدە يۇغۇرۇلغان جۇڭگو-تانزانىيە» تانزانىيەلىك ئىگىلىك تىكلىگۈچى: جۇڭگونىڭ مېنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، كۈچلۈك كىشىگە ئايلاندۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن!

日期:2024年10月23日
来源:天山网
【字体:


مەنبە :جۇڭگو گېزىتى

«شىنجاڭ كېلىنى» ھەدىيە تانزانىيەدىن كەلگەن، ھازىر ئۇ ئېرى − شىنجاڭ قەشقەردىن كەلگەن دىلشات بىلەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «دىلى بىلەن دىيا» دېگەنبىر قەھۋەخانىنى ئېچىۋاتىدۇ.

بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بۇ قەھۋەخانا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى. كانادادىن كەلگەن بىر خېرىدار ئىلگىرى جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇسى ئارقىلىق ھەدىيەنى بىلگەنىدى، بۇ قېتىم ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭغا كەلدى، بۇ قەھۋەخانىغا كەلدى.

دۆلەت ھالقىغان بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى 2022-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇلار ئوغلىنى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى. ھەدىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەھۋەخانا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئارزۇسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەن. دۇكاندىكى قەھۋە پۇرچىقى ئۇنىڭ يۇرتى تانزانىيەدىن كەلتۈرۈلگەنبولۇپ، سۇ يولى بىلەن ئافرىقىدىن ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىقئۈرۈمچىگە توشۇلۇپ، ئاندىن تېز يوللانما ئارقىلىق قەشقەرگە يەتكۈزۈلىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىگە پەقەت ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە توشۇش ھەققىمۇ ناھايىتى ئەرزان ئىكەن، دۇكاندىكى يېڭى كالا سۈتى قەشقەرنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىكەن.

ھەدىيەنىڭ قارىشىچە، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى دۆلەت ھالقىغان، ئۇلارنىڭ قەھۋەسىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىكەن.ئۇ جۇڭگودىكى تۇرمۇشىنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە، ئۆزىنى تەربىيەلەنگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، كۈچلۈك كىشىگە ئايلاندۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىكەن.