导航切换

«ئىناق، قىزغىن، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆردۈم»

日期:2024年10月21日
来源:天山网
【字体:

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى −

«ئىناق، قىزغىن، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆردۈم»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي

«كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ. كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ قانغۇچە ھۇزۇر ئېلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ھېس قىلغاندىن باشقا، مەن يەنە ئىناق، قىزغىن، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى كۆردۈم!» قايتىش سەپىرىگە مېڭىشتىن بۇرۇن، ئاۋمېن شەھەر ئاھالىلىرى گېزىتىنىڭ ئالىي مۇخبىرى شۈ خاۋ ئۆزىنىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىدىكى تەسىراتىنى خاتىرىلىدى.

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 29 ـ كۈنىگىچە، «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو . ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شىنجاڭغا كىرىپ زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىكى مۇزېي، مەكتەپ، كارخانا، بازار، كەنت، مەھەللە قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى ئاجايىپ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قىزغىن، مېھماندوست، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

ئالتۇن كۈزدىكى 9 ـ ئايدا، شىمالىي شىنجاڭ تۇپرىقى رەڭدار تۈسكە كىرگەنىدى. شىخەنزە شەھىرىدىكى كۆز يەتكۈسىز ئاپئاق كېۋەزلىكتە، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان «تۇخۇم تۇغۇش ماشىنىسى» (ئاپتوماتىك پاختا يىغىش ـ تايلاش ماشىنىسى) قاتار ـ قاتار تۈپتۈز مەشغۇلات ئىزلىرىنى قالدۇرغانىدى. بۇ ماشىنا يىغىپ، قىسىپ، تايلاپ، تەخمىنەن ھەر 15 مىنۇتتا بىر تال سىلىندىرسىمان، ئېغىرلىقى ئىككى توننا كېلىدىغان «پاختا تۇخۇم»نى «ئېغىز»ىدىن چىقىراتتى.

«تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى كېۋەزنى كۆرۈشۈم!» كەڭ كەتكەن كېۋەزلىك ۋە ماشىنىلاشقان پاختا يىغىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. فىلىپپىن جۇڭگو تىل ـ يېزىقى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى، قوشۇمچە رىياسەتچىسى لى يەنچېن قىزىل كۆڭلەك كىيىپ، كېۋەزلىكتە چۆرگىلەپ، سەكرەپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان ئېسىل سۈرەتلەرگە چۈشتى.

«پاختا يىغىشتا پەقەتلا ئادەم كۈچى كەتمەمدۇ؟» «بۇنچە كۆپ پاختىنى ماشىنىغىلا تايىنىپ يىغىپ بولغىلى بولامدۇ؟» «بۇ ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىڭلارغا تەتقىق قىلىپ ئاچقانمۇ؟»... تاراتقۇ مۇخبىرلىرى خىزمەتچى خادىملاردىن قايتا ـ قايتا دەلىللەپ، بۇنداق ناھايىتى چوڭ ھەم دەللىكنى تەلەپ قىلىدىغان پاختا يىغىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شىخەنزە شەھىرىدىكى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كېلىپ، 1500 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 1500 پارچە(يۈرۈش)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئەمەلىي بۇيۇمى ھەم نۇرغۇنلىغان مەيدان كۆرۈنۈش، ماي بوياق رەسىم قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق، مۇخبىرلار قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات مۇساپىسى ھەم نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قايناق ھېسسىياتى ۋە شان ـ شەرىپىنى ئىگىلىدى.

«مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى 296 پارچە ياماق چۈشكەن بىر ھەربىيچە پەلتو بولدى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە كىشىنى قايىل قىلىدۇ.» مالايسىيا گۇاڭخۇا گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ۋۇ يىمىن مۇنداق دېدى: ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى خۇددى بىر قېلىن تارىخىي كىتابقا ئوخشاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ شىنجاڭنى ئېچىش، گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان تۆھپىسىنى نامايان قىپتۇ.

قاراماي شەھىرىدىكى مايبۇلاق مەنزىرە رايونىدا، «ئىنتايىن باي، ئاجايىپ گۈزەل» بولۇش كونكرېتلاشتۇرۇلغانىدى. مۇخبىرلار يۇمشاق، قېلىن مايلىق قۇم تاشلارنى دەسسەپ، ھازىرغىچە ساقلانغان 100دىن ئارتۇق بۇلاقتىن تۆۋەن قېتىشمىلىق ماينىڭ سىرغىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «تۇنجى قېتىم 1 مىليون يىل بۇرۇنقى نېفىت ھالىتىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلەلىگەنلىكىنى كۆردۈم، بۇ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن مول ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى شياڭگاڭ 01نىڭ مۇخبىرى سۈن شېڭرەن.

«بۇ مەن تەلپۈنىدىغان پېنسىيە تۇرمۇشى!» قاراماي شەھىرى كوئېنلۇن يولى كوچا باشقارمىسى نەنيۈەن . نەنچۈەن مەھەللىسىنىڭ قوشنىلار ئورتاق بەھرىلىنىش مەركىزىدە، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى مەھەللىدىكى ياشانغانلار بىلەن بىرلىكتە ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىشتى. بۇ يەردىكى ئۇسسۇل ئەترىتى، قەغەز قىيما، خەتتاتلىق كۇرۇژۇكىدىن مەھەللىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان بەختلىك چاغلىرىنى تاپقانلىقىغا مۇخبىرلار ناھايىتى ھەۋەس قىلىشتى.

ئالتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ، تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل دۇنياغا بولغان تەلپۈنۈشى ئاخىر قۇم كەنتى ۋە قاناس مەنزىرە رايونىدا قانائەت تاپتى. دەريا ـ ئېقىن، كەنت، ئورمان، تاغ چوققىسى، مورىلاردىن چىقىپ تۇرغان ئىس، ئات مىنگەن كىشىنىڭ كۆلەڭگىسى... كۈز كىرىشى بىلەن، قاتمۇقات ئاق قېيىنزارلىق ئالىچىپار بولۇپ كەتكەنىدى.

قاناس مەنزىرە رايونىدىكى يۆلياڭۋەن تولۇن ئايغا ئوخشاش تاغ تىزمىلىرى ئارىسىغا ئېسىلىپ، شېنشيەنۋەن ۋە ۋولۇڭۋەن بىلەن قوشۇلۇپ، خۇددى بىر كۆك يېشىل رەڭلىك لېنتا تاغ ـ ئورمانلار ئارىسىدا ئورىلىپ تۇرغاندەك، قاناسنىڭ ھەيۋىتى، گۈزەللىكى ۋە قالتىس مەنزىرىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى.

تايلاند شىڭشيەن گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاۋ جىڭنەن بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن چوڭقۇر ھاياجانلاندى، «بۇ يەر تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى، چۆچەكلەردىكى ئاجايىپ مەنزىل، قەلبنىڭ ماكانى. مەن چوقۇم ئۆزۈم كۆرگەن ئالتاي ھەمدە شىنجاڭنى ئەتراپىمدىكى تايلاندلىق دوستلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلارغا بۇ يەرنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىمەن».

ئالتاي شەھىرىدە، كۆپچىلىك خاندىغات موڭغۇل يېزىسىغا بېرىپ، دۆڭدىبۇلاق ئۆڭكۈرى رەڭلىك قىيا تاش رەسىمىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاينىڭ دەلىل ـ ئىسپاتىغا گۇۋاھ بولدى؛ لاستى يېزىسىدىكى قەدىمىي تېرە چاڭغا ياساش ھۈنىرىنى ۋارىسلىق قىلىش ـ ئۆگىتىش بازىسىدا، ئەڭ قەدىمىي چاڭغىنى ياساش ھۈنىرى ۋە ئۇنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى سىلامبېك ساقاشنىڭ تېرە چاڭغىغا ۋارىسلىق قىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

«يول بويىدىكى مەنزىرىلەر بىزنى كەڭ كەتكەن شىنجاڭ، بىپايان تۇپراق، ئاجايىپ گۈزەللىكتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇردى، بىز شىنجاڭنىڭ گۈزەل، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىككە ئەڭ ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇشتۇرىمىز» دېدى بىرما ئالتۇن سۇمۇرغ گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى لياڭ يۈخۇا.

زىيارەت مەزگىلىدە، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ھەربىر جايغا بارغاندا شۇ جاينىڭ ئۆرپ ـ ئادىتى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئۆرپ ـ ئادىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، شىنجاڭدىكى ياخشى نەرسىلەرنى قېزىپ چىقتى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: شىنجاڭ كەلسە كەتكۈسى كەلمەيدىغان جاي ئىكەن، شىنجاڭغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاخبارات خەۋەرلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ، كۆرۈشكە، گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلىمىز.