导航切换

قار ـ يامغۇر ۋاقتىنچە توختاپ، بوران «كۈچ ئۇلاپ» چىقىدۇ! شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەسكەرتمىسى

日期:2024年10月21日
来源:天山网
【字体:

بۇ ئىككى كۈندە

شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى

سىز كۈزلۈك ئىشتان كىيدىڭىزمۇ؟


10-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىر شەھەر ئاھالىسى يامغۇردا ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا كېتىۋاتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى ۋاقتىنچە توختاپ

بوران چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 12دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە

بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلدى

مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈندۈزدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭ ئەتراپىغىچە بولغان جايلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 6 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكىكونا شامال ئېغىزىۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقايشامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 10 بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن؛ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقايشامال رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. (سىگنال ئۇچۇرى مەنبەسى: دۆلەت سىگنال ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش مەركىزى)


بىز بىرلىكتە

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا قاراپ باقايلى

بۈگۈن كېچىدە، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 9 بالدىن 10 بالغىچە، ئۆتكۈنچى شامال 11 بالدىن 12 بالغىچە بولىدىكەن. ئەتە كۈندۈزدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزىۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقايشامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

10-ئاينىڭ 21-كۈنى كېچىدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈندۈزگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ قارغا ئايلىنىدىكەن. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقايشامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدىن 10-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈندۈزگىچە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ قارغا ئايلىنىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ۋە قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىقى قىسمەن رايونلار ۋە قومۇل شەھىرىدە تۆت بالدىن بەش بالغىچەغەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 9 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

ھاۋارايى تەسىرىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە خەۋپ - خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتمىسى

1. بۈگۈن كېچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، قاتناش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

2. 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قىيپاش شەرق شامىلى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىكەن، نوقايشامال رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇ، يول قاتنىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى