导航切换

كۈزدىكى قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلى چىڭ تۇتۇلۇپ، يۈەنتۇڭ شىنجاڭ ئاقىل پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى

日期:2024年10月22日
来源:天山网
【字体:

بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ باش ئىشتاب بازىسىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ


يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىنجاڭ باش ئىشتاب بازىسى ۋە ئاقىل تەمىنلەش زەنجىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈش ئۈنۈم خەرىتىسى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) گاۋكې ئوتتۇرا يولىغا جايلاشقان يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ باش ئىشتاب بازىسى ۋە ئاقىل تەمىنلەش زەنجىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى (تۆۋەندە يۈەنتۇڭ شىنجاڭ ئاقىل پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى دېيىلىدۇ) تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا كۈزدىكى قۇرۇلۇش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي قۇرۇلۇش قىلدى. نۆۋەتتە تۈرنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى ۋە بىر قىسىم يەر ئۈستى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشى تاماملاندى، كېلەر يىلى 5- ئايدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى ئۆگزىسىنىڭ يېپىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

شىنجاڭ يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ مېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 130 مو بولۇپ، ئۇ يۈەنتۇڭنىڭ شىنجاڭدىكى مەمۇرىي ئىش بېجىرىش، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى، سودا بىۋاسىتە تارقىتىش، ئامباردا ساقلاش، يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال رايون باش ئىشتاب بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

ۋاڭ مېڭ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرنىڭ بالدۇر پۈتۈشى، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈمگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھازىر تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز. بۇ تۈرنىڭ 2025- يىللىق <قوش 11>دىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە، شۇ چاغدا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىنى توپلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سودىگىرىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۈەنتۇڭ «تېز يەتكۈزۈش كەسپى دېڭىزغا چىقىش» ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭدا «ئامباردا ساقلاش، غول لىنىيە تىرانسپورتى، لىنىيە، تاموژنا، يەتكۈزۈپ بېرىش، تېخنىكا» بىر پونكىت شەكلىدىكى، «تۆمۈريول، قۇرۇقلۇق يولى، ئاۋىياتسىيە» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلى، شۇنداقلا «ئۇچتىن ئۇچقا» گانتېل شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ بەرپا قىلغان.

يۈەنتۇڭ شىركىتى بۇ يىل خەلقئارا كەسىپنى كېڭەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگودىن قازاقىستانغا بارىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت لىنىيەسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق يولى ۋە ئاۋىياتسىيە پورتى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشنى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرما قىلغان.

جۇڭگو- قازاقىستان چېگرا ھالقىغان تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كەسپى ئېچىلغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، يۈەنتۇڭ شىركىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان پوسۇلكا كەسىپ مىقدارى %100 ئاشقان.

ۋاڭ مېڭ مۇنداق دېدى: يۈەنتۇڭ شىنجاڭ باش ئىشتاب بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يۈەنتۇڭ شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، «تېز يەتكۈزۈش كەسپى دېڭىزغا چىقىش» قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. يۈەنتۇڭ شىركىتى قازاقىستاننىڭ ئاستانا، ئالمۇتا قاتارلىق يادرولۇق شەھەرلىرىدە تور نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى قولايلىق، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى پىلانلىدى. يۈەنتۇڭ شىركىتى يەنە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى)