مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا ئاشلىقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىنىڭ ئاشقانلىقى توغرىسىدا يەنە خۇش خەۋەر تارقالغان! يېقىندا، دۆلەت قوناق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىن كەلگەن 13 مۇتەخەسسىس ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسىدىكى قوناق يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىزىدا ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ يەنە مەملىكەت بويىچە قوناقنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىدا بەش تۈرلۈك رېكورت ياراتقان.