شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى توققۇز ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 63 مىليون 810 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئاشقان.
ئالدىنقى توققۇز ئايدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ كۆمۈر توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 110 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
«توشۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى بازار ئېھتىياجىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن، شىنجاڭ كۆمۈرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى تېز ئاشقانلىقىدىن بولدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ جيەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى كۆمۈر تىرانسپورتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ماركېتىڭ مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، توشۇشنى تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يولۇچى - يۈك توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىزلارنى لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتنىتىشنى يولغا قويۇپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش ئىقتىدارىنى قويۇپ بەردى؛ لىنخې - قومۇل تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قىسمەن رايون بۆلەكلىرىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى سىناق تەرىقىسىدە ۋە دائىملىق يولغا سالدى ھەم يۈك پويىزلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، پاسىل ئېغىزلىرىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان - ئۆتكۈزۈۋالىدىغان پويىزلارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى توشۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش چوڭ يولىنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. بۇ يىل 1 - ئايدا، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»نىڭ شىمالىي قانات ئالتۇن يولىنى شەكىللەندۈردى. 9 - ئايدا، خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولىدا ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ تۆمۈريولنىڭ يىللىق توشۇش ئىقتىدارى 40 مىليون توننىدىن ئېشىپ 60 مىليون توننىغا يېتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان پويىزلارنى كۈتۈۋېلىش، يولغا سېلىش بويىچە تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، قېرىنداش ئىدارە، گۇرۇھ شىركەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىدارە ھالقىغان كۆمۈر بىۋاسىتە يەتكۈزۈش پويىزىنى تەشكىللەپ يولغا سېلىپ، پويىزلارنىڭ يۈرۈشۈشى - ئايلىنىشىنى تېزلەتتى؛ «پويىزلارنى توسالغۇسىز كۈتۈۋېلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ۋاگون مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، تۇرپان يۈتيەن مەخسۇس لىنىيەسى، قومۇل بوغاز كۆمۈر كېنى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ كەينى - كەينىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆمۈر مەنبەسى تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىرىلدى.