导航切换

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى

日期:2024年10月18日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى

​ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى​

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي دەرس ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ بەردى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ مول ئىچكى مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تۈزۈمى، مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى قويۇق توقۇپ، چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە چېگرادىكى كەنت - بازار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بىخەتەر مۇھىتنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى پائال، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى زورايتىپ، جازالاشقا قارشى تۇرۇش، ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، «ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مىللەتلەر، دىن، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. بۇنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.