导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2024年10月18日
来源:天山网
【字体:

​شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، خامچوتنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولۇشنى ئاساسىي تەلەپ قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە توغرىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلا، مەبلەغ سېلىش، سودا قىلىش قولاي، ئەۋزەل كەسىپلەر توپلانغان، ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، باشقۇرۇش ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولى گەۋدىلىك بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا باغچە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنى بىرىكتۈرۈش - توپلاش مەركىزى، نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پۈتۈن كەسىپ توپلانما رايونى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپلانما رايونى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسپى توپلانما رايونى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس تېببىي دورا كەسىپ بازىسى ھەم يېشىل ھېسابلاش كۈچى تەرەققىيات باشلامچى رايونى بەرپا قىلىپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى رامكىسىدا ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىساد - سودا قائىدىسىدە يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 3 - پەسىللىك مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مالىيە كىرىم - چىقىم نىشانىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، چىقىم ئىجراسىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مالىيە سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، كىرىم نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، مالىيە كىرىمىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تەشكىللەش كېرەك. مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى»نى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مەبلەغنى تېجەشلىك، ئۆلچەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە چىقىمىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماسلىشىشى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىگە ئۇيغۇنلىشىشى، مالىيە كۈچى ئەھۋالىغا ماس كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قىممەتلىك مەبلەغنى تەرەققىياتتىكى مۇھىم جايلارغا، خەلق تۇرمۇشى جىددىي ئېھتىياجىغا ئىشلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دەپنە ئىشلىرى ساھەسىنىڭ مۇلازىمەت خاراكتېرى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، بازارنى مونوپول قىلىۋېلىش ياكى كونترول قىلىۋېلىشنى قاتتىق چەكلەپ، مۇشتۇمزور كېلىشىم، قىستۇرۇپ ھەق ئېلىشنى توسۇپ، مۇلازىمەت تۈرى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ ئاشكارا، ئېنىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈلۈۋاتقان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دەپنە ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قالايمىقان ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزەپ، بازار تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئاممىنىڭ «ئاخىرقى بىر ئىشى»نى ياخشى بېجىرىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.