− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى خوتەن، ئاقسۇغا باردى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، ئاممىغا يېقىن لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش، بىخلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
«خوتەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرايلى» «ئۈچ پارچە <بېلەت> شانلىق نەتىجىلەرگە گۇۋاھ بولدى» «بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر»... 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى خوتەن ۋىلايىتىگە باردى، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئالتە ئەزاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئېكولوگىيە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، جانلىق تىل ئارقىلىق پۇقرالارغا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى سۆزلەپ بەردى.
لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئىلنار ئەركىنجان مۇنداق دېدى: سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش بىلەن پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، «چوڭ داۋلى»نى قايناق كەيپىياتقا تولغان تىپىك ھېكايىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەل جايىدا سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، ئەمەلىي سۆزلەپ، ئاممىنى ئاڭلاپ قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
«بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە نۇرغۇن كىچىك بۆسۈش ئېغىزى مىسال قىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچەمنى چوڭقۇرلاشتۇردى.» لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، لوپ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ لېكتورى ئابدۇخالىق ھېيت مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىم كېرەك. مەنمۇ لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئاممىغا يېقىن، قىزغىنلىق ئۇرغۇتۇلغان لېكسىيە سۆزلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى لېكسىيەلىرىنى تېخىمۇ جانلىق، پۇقرالار ئاڭلاشنى خالايدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ سۆزلەيمەن».
بۇ قېتىمقى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)، باغچە رايونلىرى بىردەك سىنلىق شەكىلدە ئۇلىنىپ ئېلىپ بېرىلدى، جەمئىي ئون مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلىنىپ، 96 يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)، باغچە رايونىنى قاپلىدى، لېكسىيەنى ئاڭلىغان كادىرلار ۋە ئامما 17 مىڭ 671 ئادەمگە يەتتى.
10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى «لېكسىيە سۆزلەش + سىن» شەكلى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان لېكسىيەلەرنى ئېلىپ كەلدى.
«لېكسىيە ئۆمىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئەتراپىمىزدا ھەقىقىي يۈزبەرگەن ئىشلارنى سۆزلىدى.» ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى فېڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى گۈلباھار سەمەت مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلىرىمغا ھەمبەھرىلەيمەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىشچان قوللىرىمىزغا تايىنىپ يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىدە لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشنى مۇقەددىمە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى جانلىق چۈشەندۈردى.
«لېكسىيە چوڭقۇر، ئەتراپلىق، مول مەزمۇنلۇق سۆزلەندى، ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە، ھەم ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە بولدى.» ئونسۇ ناھىيەسى گۈلئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى دىلشات موللامەت مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى پۇرسەت بىلىپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، كىچىك نىشاندىن باشلاپ ئاتلىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز».
10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باي ناھىيەسى باي بازىرى فۇلې مەھەللىسىدە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايون پۇقرالار سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئاددىي، جانلىق بايانلىرى نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: لېكسىيە مول مەزمۇنلۇق بولدى، جانلىق مىساللار كۆپچىلىكنى ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئېسىدە تۇتۇش، ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«مەن مەۋقەنى مەھەللىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزىمەن» دېدى فۇلې مەھەللىسىنىڭ كادىرى زورەم ئەخەت.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن ۋېنرۇڭ، خۇ شياۋشياۋ)