导航切换

دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىز تېگىش خاتىرىسى − قۇم دېڭىزىدا راك بېقىپ مۆجىزە يارىتىلدى

日期:2024年10月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن

«بۇ بىزنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم راكلىرىمىز، كىلىمات تەسىرىدە داۋاملاشتۇرۇپ بېقىشىمىز ئەمدى كېلەر يىلىغا قالدى.» 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خۇاڭ گۇاڭ راك يېمىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە تېتىپ بېقىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكى يېيەلەيدىغان يەمنى مەنمۇ يېيەلەيمەن».

خۇاڭ گۇاڭ ئارال شەھىرى لۇڭدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكى باقمىچىلىق بازىسىنىڭ تېخنىكلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ بازا ئارال شەھىرىنىڭ جىنياڭ بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايغا ئۇ ئەڭ كۆپ زېھنىي كۈچ سەرپ قىلغانىدى.

خۇاڭ گۇاڭ گۇاڭدۇڭ فوشەندە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئوزۇقلاندۇرۇشى»دا چوڭ بولغان. يۇرتىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە مول مەھسۇلاتلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغانىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ گۇاڭدۇڭ دېڭىز - ئوكيان داشۆسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى كەسپىگە كىرىپ ئوقۇشنى تاللىدى. مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ تارىم داشۆ سۇ مەھسۇلاتلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى نيې جۇلەن بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان پېڭ رېنكەي بىلەن تونۇشتى.

2022 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەر يىلى 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاشقا ئىشلەتتى. بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تۈزگەن ئالاقىدار يىرىك پىلاندا جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇزلۇق سۇ بېلىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2022 - يىلى 8 - ئايدا، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى چۆل - باياۋاندىكى كۈچلۈك ئىزدىنىش قىزغىنلىقى بىلەن، خۇاڭ گۇاڭ تۇنجى قېتىم ئارال شەھىرىگە كەلدى. ئارال شەھىرى لۇڭدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى پېڭ رېنكەينىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇاڭ گۇاڭ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جىنياڭ بازىرىغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ قۇرغاق كىلىماتى، نىسبەتەن كەمچىل سۇ بايلىقى، شۇنداقلا سۇ سۈپىتى ۋە تۇپراق شارائىتىنىڭ جەنۇبتىكى ئۆلكىلەر بىلەن زور پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئىختىيارسىز ئىككىلىنىش پەيدا بولدى − بۇ يەردە جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى بېقىش ئۇنىڭغا گويا ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىكتەك تۇيۇلدى.

ئەينى چاغدا، پېڭ رېنكەي بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارنىكتا «دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قۇرۇقلۇقتا بېقىش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتاتتى.

«باقمىچىلىق بازىمىز شۇ جايدىكى بوش تۇرۇۋاتقان يەردىن تولۇق پايدىلىنالىدى.» پېڭ رېنكەي مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن، ئۇزاقتىن بۇيان تېرىقچىلىق قىلغىلى بولمىغان شورلۇق يەرلەرنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، يەر بايلىقىدىن قايتا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېپيېڭى يولىنى ئاچتۇق».

جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېقىش ئۈچۈن، ئارال شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى جۇڭگو سۇ مەھسۇلاتلىرى پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇڭخەي دېڭىزى سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنى، شاڭخەي دېڭىز - ئوكيان داشۆسى، جېجياڭ داشۆ ھەمدە تارىم داشۆنىڭ مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، كەڭ سۇ يۈزى تۇزلۇق سۇ باقمىچىلىقى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، خۇاڭ گۇاڭغا ئۈمىد بېغىشلىدى.

گۇاڭدۇڭ فوشەندە چوڭ بولغان بۇ يىگىت قۇم دېڭىزىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بېقىش مۆجىزىسى يارىتىشنى قارار قىلدى.

گۇاڭدۇڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇاڭ گۇاڭ تەرەپ - تەرەپتىن ماتېرىيال كۆرۈپ، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنىڭ ئۆسۈش ئادىتى ھەمدە مۇھىتقا بولغان تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىدىن پائال تەلىم ئېلىپ، ئالاقىدار باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

«باقمىچىلىق جەريانىدا، تۇزلۇق سۇنى تەڭشەش - كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. يېتىشتۈرۈش كۆلچىكىدىكى تۇزلۇق سۇنىڭ كىسلاتالىق - ئىشقارلىق قىممىتىنى 8.0 ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك.» خۇاڭ گۇاڭ شىنجاڭنىڭ شورلۇق يەر تۇپراق مۇھىتىنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۇزلۇق سۇدا كەمچىل بولغان مىكرو ئېلېمېنتلارنى دەل جايىدا تولۇقلاپ، دېڭىز بېلىقى ۋە راكنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، خۇاڭ گۇاڭ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلدى. جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە، جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكىنى بېقىش تەجرىبىسى جىنياڭ بازىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

بۇ يىل 9 - ئايدا، پارنىكتىكى 2 - تۈركۈم بەش توننىغا يېقىن جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋراكى بازارغا سېلىنىپ سېتىلدى، پېڭ رېنكەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى ئالتۇن پامپۇس بېلىق، دۇڭشىڭبەن قاتارلىق دېڭىز بېلىقلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە بېقىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 15 پارنىكىنىڭ ھەممىسىنى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن توشقۇزماقچى بولۇۋاتىمىز».

«نۆۋەتتە، راكنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىرقەدەر ياخشى بولدى، كۆپچىلىك يېيىشلىك ئىكەن، دېيىشتى. چۈنكى بىز بېقىش جەريانىدا، يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى مىكرو ئېلېمېنتلارنى قاتتىق تاللاپ سۇغا قوشۇپ، يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ بىخەتەر، بۇلغانمىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى خاتىرجەم يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى خۇاڭ گۇاڭ.

بازاردا ئېتىراپ قىلىنىش خۇاڭ گۇاڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ جاپالىق ئەجرىگە قايتۇرۇلغان ئەڭ ياخشى جاۋاب بولدى. خۇاڭ گۇاڭ ئايلانما سۇ باقمىچىلىقى ئەندىزىسىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇنى سىرتقا چىقىرىۋەتمىدى، چىققان ئوغۇتنى ئېچىتىلغان ئوغۇت قىلىپ قايتا پايدىلىنىشقا بولاتتى. بۇ خىل باقمىچىلىق ئەندىزىسىدە مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىپلا قالماي، يەنە بايلىقتىن ئايلانما پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «ئېكولوگىيەلىك بېقىش، دورا قالدۇقى بولماسلىق، ساغلام، بۇلغانمىغان بولۇش.» بۇ، خۇاڭ گۇاڭنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئەقىدىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەلگۈسى باقمىچىلىق ئىشلىرىغا بولغان گۈزەل ئۈمىدى.

دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان شىنجاڭدا دېڭىز بېلىقى، دېڭىز راكى بېقىش قىزىق تېمىغا ئايلاندى، خۇاڭ گۇاڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. ئۇ بۇنداق قىزغىنلىقنىڭ سىجىل داۋاملىشىشىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تۇزلۇق سۇدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بېقىشنىڭ سىرىنى بىلدۈرۈشنى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىز تېگىش پۇرسىتى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققەت - ئېتىبارىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى.