شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە جۇڭگو شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى سۈپىتىدە پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماس ئىنتىلىشى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم پىرىنسىپ. بىز جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردۇق. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدۇق. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر جان ـ جەھلى بىلەن شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان ـ ياۋىداق سۆزنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ يەككە تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويدى، بۇ، ماھىيەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى قانۇنسىز تارتىۋالغانلىق، بۇنىڭ ئارقىسىغا «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»تىن ئىبارەت سىياسىي سۇيىقەست يوشۇرۇنغان. جۇڭگو شىنجاڭ ھەرقانداق بوھتان چاپلاش ۋە ھۇجۇم قىلىشتىن قورقمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى مۇقەررەركى بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بۇ ئىككى كۈندە شىنجاڭدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، كۆپچىلىكنىڭ دائىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو شىنجاڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەم ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مالىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دىئال ۋە قىرغىزىستان، بۇركىنا فاسو، پەلەستىن، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ئىلگىرى ـ كېيىن سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەم ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز سۈپىتى ئۆسۈپ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئارقىلىق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ قېتىم شىنجاڭدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىز بەزى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ـ ياۋىداق سۆز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنلىرىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمىز. تېررورىزم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، جۇڭگو شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپتۇ، بۇ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتنى پايدىلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.