导航切换

«ۋېنيۇڭ يولى» ۋەتەنپەرۋەرلىك يېڭى يول بەلگىسى بولۇپ قالدى

日期:2024年10月20日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل ئىختىيارىي مۇخبىر لو يىڭ

10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، خوتەن ناھىيەسى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. خوتەن ناھىيەلىك خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ كوچىدىكى «ۋېنيۇڭ يولى» دېگەن يول تاختىسى ئالدىدا، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭنى چوڭقۇر ئەسلىدى.

خوتەن ناھىيەسىدىكى خەلق ساقچىسى لى خۇي «ۋېنيۇڭ يولى» يول تاختىسىغا ھۆرمەت سالىمى بەردى، كۆزى ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭنىڭ سۈرىتىگە چىڭ تىكىلگەنىدى. «بوۋام پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، دادام ھەربىي بولغان، مېنىڭ ھەربىيلەرگە بولغان مۇھەببىتىم كۈچلۈك. چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قەھرىمانى چېن شياڭرۇڭنىڭ تەڭداشسىز قەھرىمانلىقىنى بىز مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمىز!» دېدى لى خۇي.

10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سائەت 12 لەردە، خوتەن ناھىيە بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى دوستلۇق يولىغا تۇتىشىدىغان، غەرب تەرىپى ئىتتىپاق يولىغىچە بولغان يېڭىدىن ياسالغان بىر يولغا «ۋېنيۇڭ يولى» دەپ نام بېرىلدى. ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭنىڭ ئانىسى ياۋ جيۇسۈي «ۋېنيۇڭ يولى» تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

نېمىشقا «ۋېنيۇڭ» دېيىلدى؟ بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ: 2020 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، جيالېۋەن دەريا ۋادىسىدىكى توقۇنۇش ۋەقەسىدە، چېن خۇڭجۈن، چېن شياڭرۇڭ، شياۋ سىيۈەن، ۋاڭ جورەن ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە كۈرەش قىلدى. قۇربان بولغاندا تېخى 19 ياشقا توشمىغان چېن شياڭرۇڭ ئىلگىرى «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن كۈرەش شوئارىنى تەنتەنىلىك يېزىپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنى تەسىرلەندۈرگەنىدى. چېن شياڭرۇڭ قۇربان بولغاندىن كېيىن، قىسىم ياۋ جيۇسۈيدىن قانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، ياۋ جيۇسۈي: «مېنىڭ باشقا تەلىپىم يوق، پەقەت ئوغلۇمنىڭ جەڭ قىلغاندا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ـ كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلىپ باققۇم بار» دېگەنىدى. ليەنجاڭ: «شياڭرۇڭ تەڭداشسىز قەھرىمانلىق كۆرسەتتى» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. «ۋېنيۇڭ» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.

«ۋېنيۇڭ يولى»نىڭ كەڭلىكى 40 مېتىر، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5043 مېتىر بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىگە 69 يول تاختىسى ئورنىتىلغان، يول تاختىسىغا تۆت قەھرىماننىڭ ئىسمى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆچمەس ئىش ئىزلىرى ئويۇلغان، يول بويىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر تېرىلغان بولۇپ، قەھرىمانلىق روھىنىڭ مەڭگۈلۈكى ۋە قەتئىيلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.

«قەدىمدە يۆ ئانىنىڭ يۆ فېينىڭ دۈمبىسىگە خەت چېكىشى بار، بۈگۈنكى كۈندە چېن ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ـ كۆرسەتمىگەنلىكىنى سورىشى بار!» شۇنىڭدىن باشلاپ، «چېن ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ـ كۆرسەتمىگەنلىكىنى سورىشى» دېگەن سۆز تىللاردا داستان بولدى، بىر خىل روھنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى، بۇ، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان سانسىزلىغان كىشىلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىگە ۋەكىللىك قىلماقتا. نۇرغۇن تورداشلار «چېن ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ـ كۆرسەتمىگەنلىكىنى سورىشى»نى تۇراقلىق ئىبارىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ياۋ جيۇسۈينىڭ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى خاتىرىلەش تەكلىپىنى بەردى.

10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياۋ جيۇسۈي تەكلىپ بىلەن 2024 ـ يىللىق كوئېنلۇن مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ۋېنيۇڭ يولى» يول تاختىسىدىكى خەتنى قىزىل رەڭدە بويىدى، ئۇچىسىغا قېنىق قوڭۇر رەڭلىك كىيىم، قېنىق كۆك رەڭلىك ئىشتان كىيىۋالغان ياۋ جيۇسۈينىڭ چىراي ئىپادىسى تەبىئىي ھەم رايىش ئىدى، ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن «ۋېنيۇڭ يولى» يول تاختىسىدىكى خەتنى بۇياپ يېزىۋاتاتتى. «ۋېنيۇڭ يولى» تاختىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، ياۋ جيۇسۈي ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى ئۇزاققىچە سىلىدى، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى، «رۇڭئېر مېنىڭ ئوغلۇم، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ ئوغلى».

شۇ دەقىقىدە، نەق مەيداندىكى نۇرغۇن كىشى يان تېلېفونىنى چىقىرىپ بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىدى.

«ۋېنيۇڭ يولىدا جاسارەت بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز، قەھرىمانلىق روھى ئۆچمەيدۇ، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن شۇنداق ئېيتىمىزكى، ساپ مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر.» «ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا <قەيەردىن كەلگەن> دېگەن مەنىۋى شىفىر يوشۇرۇنغان بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىز <قەيەرگە بارىمىز> دېگەن مەنىۋى يول بەلگىسى تىكلەنگەن.» «چېگرانى قوغداش، چېگرانى مۇستەھكەملەشكە ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان ئەزىمەتلەر ۋېنيۇڭ يولى!»... تورداشلار «ۋېنيۇڭ يولى» تاختىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس ـ بەستە سۆز قالدۇرۇپ باھا بەردى. تور بوشلۇقىمۇ ئوخشاشلا «قاراقۇرۇم روھى»غا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تولغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

چېن شياڭرۇڭ ھايات ۋاقتىدا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسى − ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم تېغىنى ساقلىغان. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5500 مېتىردىن ئاشىدۇ، يىل بويى قار ـ مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ھاۋا شالاڭ، بۇ يەرنى ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ ساقلاپ كەلگەن چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى قار ـ شىۋىرغان بىلەن ئېلىشىپ، قەھرىتان سوغۇققا قارشى كۈرەش قىلىپ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە تاقابىل تۇرۇپ، «چېگرا مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش»تىن ئىبارەت قاراقۇرۇم روھىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

«ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر»دىن «ئوغلۇم جەڭ قىلغاندا قەھرىمانلىق كۆرسەتتىمۇ ـ كۆرسەتمىدىمۇ»غىچە، ئاخىر بۇ قەھرىمانلىققا تولغان چەكسىز مۇھەببەتنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە مەنبەسىنى، بىر ئۇلۇغ جەڭچىنى، بىر ئۇلۇغ ئانا ۋە ئائىلىنىڭ ئۈن ـ تىنسىز يېتىشتۈرۈشى ۋە تەقدىم قىلىشىنى چۈشەندىم! − شەنشىلىك بىر تورداش مۇشۇنداق باھا بەردى.

«ۋېنيۇڭ يولى» تاختىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلغاندىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن ئورگان، ئىدارە، مەكتەپ ھەم جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى بەس ـ بەستە كېلىپ قەھرىمانلارنى ئەسلىدى. بۇ يول كىشىلەر قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان يېڭى يول بەلگىسىگە ئايلاندى. يەنە نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، بالىلارغا قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق «ساپ مۇھەببىتى»نى گۈزەل تاغ ـ دەريالارغا يېزىشتەك ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.

خوتەن ناھىيەلىك جىڭخې تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ مەتتوختى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە «ۋېنيۇڭ يولى»غا كېلىپ، گۈل تەقدىم قىلىپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام بەردى. «بۈگۈندىن باشلاپ، خوتەندە <ۋېنيۇڭ يولى> بار بولدى.» مۇتەللىپ مۇنداق دېدى: بۇ يول مېنى قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.