زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىن تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋەكىللىرى ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىن تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋەكىللىرى ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
كۆرۈشۈشتە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر ـ بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا، ھۆكۈمەتكە، بىڭتۇەنگە ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ھەر مىللەت خەلققە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىنجاڭنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى تۇتۇشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى تولىمۇ تەخىرسىز ۋە مۇھىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. بۇ جەرياندا، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر دەل شۇلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا، شىنجاڭدىكى ھەربىر مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ، ھەربىر مىللەت تۆھپە قوشۇش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى سەپلەردە باتۇرلۇق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، پۇختا نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەشنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى ئىگىلەپ، ئىجتىھات بىلەن پۇختا ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا تەرەققىيات ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتا، ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىلغارلار ۋەكىللىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەممە كىشى ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئىتتىپاقلىقنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، ئىتتىپاقلىقنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.
پاتىگۈل ياسىن، پاڭ شىن، زېۋىرنىسا ئابدۇقادىر، ياۋ خۇڭيۈ، دىدار قۇناي، ۋاڭ ۋېي، فاتىمە، خۇ يۇڭجۈن، لى لىلار نەمۇنىچى كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، شان ـ شەرەپنى قەدىرلەپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيدىغانلىقىنى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، شۆ بىن، لى جېنگو، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.