导航切换

چۆل - جەزىرىدىن گۈزەل ماكانغىچە

日期:2024年10月03日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (2)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ئەسلىي ھالەتتىكى ئاددىي گەمىلەردىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالارغىچە، گىياھ ئۈنمەيدىغان چۆل - جەزىرىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل ماكانغىچە...

قىسقىغىنا 70 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بىڭتۇەن شەھەرلىرى بىر - بىرلەپ قەد كۆتۈردى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئىقتىدارى سىجىل مۇكەممەللەشتى، ئېكولوگىيە - مۇھىت تېخىمۇ گۈزەللەشتى، ئىشچى - خىزمەتچى ئاممىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

شەھەر ئورمان ئىچىدە، ئادەم مەنزىرە ئىچىدە

«ئەمگەك ناخشىسى تاغ - دالىلارنى قاپلىدى، ئەمگەك قىزغىنلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى... ئەمگەكچان بىر جۈپ قوللار ئاسمان - زېمىننى ئۆزگەرتتى، چۆللۈكتە گۈلباغ بەرپا قىلدى».

ئاشۇ قايناق يىللاردا، «چۆللۈكتە گۈلباغ بەرپا قىلىش» دېگەن بۇ ناخشا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇرۇلۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىڭتۇەنلىكلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چۆل - جەزىرە ۋە ئادەم شالاڭ، مۇھىتى ناچار بولغان چېگرا بويى لىنىيەسىدە جاپالىق ئىگىلىك تىكلىگەن مەنزىرە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

شىخەنزە شەھىرى ئاھالىسى جاۋ سۇنشيانىڭ بوۋىسى بىر پېشقەدەم ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى بولۇپ، ئۇ دائىم جاۋ سۇنشياغا بۇ جاينىڭ ئىلگىرى قاقاسلىق ئىكەنلىكىنى ھەم قىلغان جاپالىق كۈرەشلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. «شىخەنزىنىڭ كونا قىياپىتى ئاللىبۇرۇن ئۆزگەردى، ھازىر ئۇ ھەقىقەتەن يېشىللىشىپ، ھەقىقەتەن گۈزەللىشىپ كەتتى» دېدى جاۋ سۇنشيا ھاياجانلانغان ھالدا.

كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يېشىللىق كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ: شەھەر مەركىزىدە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5.6 كىلومېتىر كېلىدىغان مىڭجۇ دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ؛ دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان يول بويىدا، ئاممىۋى يېشىللىق يېرىدە يېكەن، چىغىرتماقگۈل، نەغەزگۈل، كۆكمارال، خوستاگۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان ھالدا ئېچىلىپ تۇرىدۇ.

بۇ ھاياجانلىنىش سانلىق مەلۇمات تىرىكىگە ئىگە: شىخەنزە شەھىرىدە شەھەر قۇرۇلۇش رايونىنىڭ يېشىللىق نىسبىتى %42.3، شەھەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43.1، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى 15 كىۋادرات مېتىر.

«جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىرىنچى شەھىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىخەنزە ئەۋلادمۇئەۋلاد بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەرنىڭ كۆچەت تىكىش، يېشىللىقنى قوغداش، يېشىللىقنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇشىدا، ئېكولوگىيەلىك شەھەر، يېشىل شەھەر، باغچە شەھەرگە ئايلىنىپ، «چۆلدىكى مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشىپ، دۆلەت باغ - ئورمان شەھىرى، دۆلەت ئورمان شەھىرى قاتارىغا كىرىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«مەن نۇرغۇن جايلارغا بارغان\بۇ شەھەر ئەڭ ياش\ئۇ شۇنداق چىرايلىق\بىر كۆرگەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ...» «ياش شەھەر» ناملىق بۇ شېئىرنى شائىر ئەي چىڭ 1960 - يىلى ئىجاد قىلغان بولۇپ، مەدھىيە ئوبيېكتى دەل سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن شىخەنزە شەھىرى.

بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ ياش شەھەرلەر بىر - بىرلەپ قەد كۆتۈردى: ۋۇجياچۈ شەھىرى، ئارال شەھىرى، تۇمشۇق شەھىرى، بېيتۈن شەھىرى، بەيياڭ شەھىرى... خەلق بىلەن مەنپەئەت تالاشماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، بۇ شەھەرلەر شامالنىڭ بېشى، سۇنىڭ قۇيرۇقى بولغان جاپالىق جايلارنى تاللاپ ئېچىپ تەرەققىي قىلدى. ھەرقايسى شى، شەھەرلەردىكى يۇلتۇزلاردەك تارقالغان كىچىك شەھەر - بازارلارنى قوشقاندا، بىڭتۇەن بۈگۈنكى كۈندە مەركىزىي شەھەر يېتەكچىلىك قىلغان، ئادەتتىكى شەھەرلەر تايانچ نۇقتا بولغان، شەھەر - بازار توپى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان، تۇەن - مەيدان، شەھەر - بازارلار تۈگۈن بولغان، يەرلىكتىكى شەھەر - بازارلار بىلەن ئىقتىدار جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىڭتۇەن خاسلىقىغا ئىگە شەھەر - بازار سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

«يېشىللىق» بۇ شەھەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان ئارال شەھىرىدە، شەھەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %40تىن ئاشتى؛ ئوخشاشلا قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان تۇمشۇق شەھىرىدە، 2023 - يىلى كۆكەرتىش تۈرى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن باغچە يېشىللىق كۆلىمى 900 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى...

70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن شەھەرلىرىدىكى شەھەر قۇرۇلۇش رايونىنىڭ يېشىللىق كۆلىمى 9310 گېكتارغا كۆپىيىپ، شەھەر قۇرۇلۇش رايونىنىڭ يېشىللىق نىسبىتى %38.53كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. نۆۋەتتە، بىڭتۇەندە دۆلەت باغ - ئورمان شەھىرىدىن تۆتى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن باغ - ئورمان شەھىرىدىن ئالتىسى، بىڭتۇەن باغ - ئورمان شەھەر - بازىرىدىن 15ى بار.

شەھەرلەر ئورمان ئارىسىدا، ئۆيلەر دەرەخلەر ئارىسىدا، كىشىلەر مەنزىرىلەر ئارىسىدا، قەدەملەر گۈللەر ئارىسىدا. ئەينى چاغدىكى «چۆللۈكتە گۈلباغ بەرپا قىلىش» غايىسى رېئاللىققا ئايلاندى، يېشىل رەڭ بىڭتۇەن شەھەرلىرىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى.

شەھەر يېڭىلىنىپ، ئاقىل تىپ ئۆزگەرتتى

شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى بىر شەھەرنىڭ «قىل قان تومۇرى». 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن شەھەر - بازارلارنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى يىلمۇيىل ئاشۇردى: شەھەرلەردە ئاممىۋى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، يېقىلغۇ گازنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.61، %98.28، %99.9، %99.3كە يەتتى، شەھەر مەمۇرىيىتى يول سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، 1860 كىلومېتىر شەھەر يولى ياسالدى...

بۇ يىل 9 - ئايدا، بىڭتۇەننىڭ بىناكارلىق ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى بېسىپ تارقىتىلىپ، بىناكارلىق ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاشنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر، يېشىل، ئاقىل يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى.

شەھەرنى يېڭىلاش خۇددى بىر شەھەردە كونىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىسى ئالماشقىنىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، شەھەر تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا.

ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى خۇەن شياڭپىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتىن نەپكە ئېرىشكەن بولۇپ، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى. خۇەن شياڭپىڭ ئولتۇرۇۋاتقان مەھەللىنىڭ نامى ئىلگىرى يىجىڭيۈەن بولۇپ، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى كونا بولۇش، مەھەللە بوشلۇقى تار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاھالىلەرنىڭ باش ئاغرىقى ئىدى. ۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭخۇ يولى كوچا باشقارمىسى تىيانشان جەنۇبىي يولى مەھەللىسىگە قاراشلىق يىجىڭيۈەن ئولتۇراق رايونى، شىنگاڭ ئولتۇراق رايونى قاتارلىق كۆپلىگەن مەھەللىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. 2019 - يىلىدىن بۇيان، بىڭتۇەن شەھەر - بازارلاردىكى 385 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، 184 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.

شەھەرنىڭ يېڭىلىنىشى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. رەقەملەشتۈرۈشتىن پايدىلىنىپ، بىڭتۇەن شەھەرلەرنى ئاقىل شەھەرگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتتى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش «يىرىك تەرەققىيات»تىن «ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» دەۋرىگە قەدەم قويدى.

نۆۋەتتە، بىڭتۇەندىكى بارلىق شەھەرلەردە ئاقىل پار بىلەن تەمىنلەش، يېقىلغۇ گاز يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلدى، قىسمەن شەھەرلەردە شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىقلار دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ، يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەرىكەتچان تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

5G كۆچمە خەۋەرلىشىشى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارغا تايىنىپ شەھەرلەرنى «ئاقىللاشتۇرۇش» زامانىۋىلاشقان ئىدارە قىلىشقا سىجىل كۈچ قوشتى.

كۆكدالا شەھىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، قاتناش، سەپەرگە چىقىش قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى 40 نەچچە تۈرلۈك «يان تېلېفوندا بېجىرىش» تۈرىنى يولغا قويدى؛ شىخەنزە شەھىرى شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىش «بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش» سۇپىسى قۇرۇپ، شى، شەھەردىكى ھەر قايسى تارماق، تۇەن - مەيدان، كوچا (بازار) دىكى جەمئىي 76 ھەمتۈرتكە بولىدىغان تارماقنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سۇپا ئالاقىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتتىن ماس قەدەمدە ئورتاق بەھرىلىنىش، كەسىپنى ھەمكارلىشىپ بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئارال شەھىرى ئاقىل شەھەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، توغرا يۆنىلىشتە تارماقلار كەڭ دائىرىدە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تىك يۆنىلىشتە قاتلام - دەرىجە تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان شەھەر باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

«رەقەملىك پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەسلىدە ئىككى تارماققا تەۋە بولغان كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىپ تەڭ بېجىرگىلى بولىدىغان قىلدۇق، ئامما پەقەت بىر قېتىم كېلىپ، بىر كۆزنەككە بېرىپ، بىر يۈرۈش ماتېرىيال تاپشۇرسىلا، ئىككى كەسىپنى بېجىرەلەيدۇ» دېدى شىخەنزە شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە پىلانلاش ئىدارىسى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جاۋ فاڭفاڭ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئاقىل ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق خاس مۇلازىمەتلەرنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش تېزلىتىلىپ، رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭىچە شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. ئاقىل تىپ ئۆزگەرتىش شەھەرنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، داۋاملىق تۈردە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇردى.

تۇرمۇشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىش بەختكە تولغان مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى

ئىلگىرى گەمىدە تۇرغان ما چاۋۋۇ ئارال شەھىرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى پېشقەدەم ھەربىي بولۇپ، شەھەردىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، 95 ياشلىق بۇ بوۋاي ھاياجانلانغان ھالدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي مۇنداق دېدى: «ئۆزگىرىش بەك چوڭ! ھازىر ئازادە، يورۇق بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتىمىز، تۇرۇبا سۈيى، تەبىئىي گاز ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق، ئىشىك ئالدىمىزدىلا باغچە، مەكتەپ، دوختۇرخانا بار بولدى، شەھەر گۈللۈككە ئوخشاش قىلىپ قۇرۇلدى».

70 يىلدىن بۇيان، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش»تىن «شەھەر قۇرۇپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش»قا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.

− كەسىپ ئارقىلىق شەھەر گۈللەندۈرۈلۈپ، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەر توپلىنىپ، زور بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەر، خاس كەسىپلەر ئارقا - ئارقىدىن ماكانلىشىپ، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى، شۇنداقلا ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇلتۇر، بىڭتۇەندە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1 مىليون 561 مىڭ 500 كىشىگە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %33.2 ئاشتى؛ ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئېشىپ 40 مىڭ 339 يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

− ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقى داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، داۋالاش ئورتاق (بىرلەشمە) گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قاپلاش نىسبىتى%100 بولدى، ئاساسىي قاتلامدىكى بارغانسېرى كۆپ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئىشىك ئالدىدىلا تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

− يەسلى مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىڭتۇەن خاسلىقىغا ئىگە مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرى بىردەك دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.

− ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشكىچە، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشكىچە، كارخانا ئورۇنلىرى چەكلىك كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈشكىچە بولغان زور بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى. ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى.

− شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەرگە ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىلىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تېزلىتىلىپ، تۇەن - مەيدان، ليەندۈيلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، شەھەر - يېزىلار ئىناق بولغان باغچە تۈسىدىكى ماكان تىرىشىپ بەرپا قىلىندى.

...

يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بار بولۇشتىن ئەلالاشتى. 70 يىلدا، بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈشىدە، بىڭتۇەن شەھەرلىرى شىنجاڭدىكى ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدە ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا لىنىيەسىنى مۇھاپىزەت قىلماقتا، مۇھىتى گۈزەل، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، خەلق باياشات بولغان بەختكە تولغان مەنزىرە ئاستا - ئاستا نامايان بولماقتا.