− كۆكتوقاي روھىنىڭ ئېتىقاد كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، جاڭ تىڭ
«مېنىڭ دادام يېڭى جۇڭگودىكى 1 - ئەۋلاد قازاق كان ئىشچىسى. 1967 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ۋودورود بومبىسىنى پارتلىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا، دادام ئاسمانغا ئۇزاققىچە قاراپ، كۆزىدىن ھاياجان يېشى ئاقتى! بېيجىڭدىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭغا ۋودورود بومبىسىغا ئىشلىتىلگەن لىتىينىڭ ئۇلار 3 - نومۇرلۇق كاندىن قېزىپ چىققان لىتىيلىق پىروكسېن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى...»
«مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولغان 1970 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، دادام رادىيونى ئېچىپ، بىز بىلەن <شەرق قىزاردى> دېگەن ناخشىنى ئاڭلىدى. مۇزىكا ياڭرىغاندا، دادام ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆزىگە ياش ئالدى. كېيىن كۆكتوقاينىڭ ماتېرىياللىرى ئاشكارىلانغاندا، مەن ئاندىن دادامنىڭ كۆكتوقايدىكى ئىنژېنېر ئىكەنلىكىنى، سېزىي خام ماتېرىيالىنى قېزىشقا مەسئۇل بولغانلىقىنى، سېزىينىڭ سۈنئىي ھەمراھتىكى ئاتوم سائىتىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدىم».
«دادام كۆكتوقايدا بىر ئۆمۈر ئىشلىگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئالتسخېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. 2022 - يىلى ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن، دادام تۇيۇقسىز سەگەكلەشتى. ئۇ ئۆزىنى كۆكتوقايغا دەپنە قىلىشنى ئېيتتى...»
9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىدىكى كۆكتوقاي گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەندە، ھەربىر كىتاب، ھەربىر پارچە سۈرەت كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ تۇراتتى.
كۆكتوقاي كىشىنى چەكسىز سېغىندۇرىدىغان جاي. بۇ جايدا، ئىلگىرى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى، تېخنىك ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ توپلانغان. ئۇلار ھاياتى ۋە تەرى بەدىلىگە بۇ جايدىن لىتىي، بېرىللىي، تانتال، نىيوبىي، سېزىي قاتارلىق نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ۋە ئاز ئۇچرايدىغان رۇدىلارنى قېزىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى كۈچلۈك قوللىدى. يېڭى جۇڭگو پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن تەرەققىيات يولىدا، كۆكتوقاي باشتىن - ئاخىر بىر ئۈلۈش كۈچ قوشۇپ كەلدى.
كۆكتوقايدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تاۋلىنىشى داۋامىدا، «جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت كۆكتوقاي روھى بارلىققا كەلدى. بۇ خىل ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا نامايان قىلىنغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھى كۆكتوقاينىڭ ئۆتمۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا كۆكتوقاينىڭ كەلگۈسىدىن دېرەك بەرگەنىدى.
ئورتاق ئېتىقاد
9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كۈزدىكى كۆكتوقاي بازىرىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، يېقىشلىق بولۇپ، ساياھەت ئاپتوموبىللىرى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.
سەھەردە، كۆكتوقاي بازىرىنىڭ قىزىل يەر بەلگىسى − 3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسى تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.
«كۆكتوقاي كان ئورنىنىڭ 3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسىدىكى بۇ كان ئازگىلىدا، 86 خىل ئاز ئۇچرايدىغان كان مەھسۇلاتى ساقلانغان، يەنە زاپاس مىقدارى ناھايىتى زور» دېدى كۆكتوقايدىكى «3 - ئەۋلاد كانچى»، كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ دىرېكتورى تەن شېڭلى.
كۆكتوقاينىڭ مول قېزىلما بايلىقى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.
1960 - يىلىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلىتىمىزگە ياردەم بېرىشنى تەدرىجىي توختاتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كۆكتوقايدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇشنى قارار قىلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە جەڭگە قاتناشتى، تېخنىكا تايانچلىرى ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ ياردەم بەردى. ھەر مىللەت خەلق ئۆز تەقدىرىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، داغدۇغىلىق «چوڭ جەڭ»نى ئۇدا قانات يايدۇردى.
«100 كۈنلۈك چوڭ جەڭ قىلغان ۋاقىتتا، بىز ئادەم كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 100 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان قۇدۇقىدىن 400 كىلوگىرام رۇدىنى يۈدۈپ چىقتۇق» دېدى بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەن «1 - ئەۋلاد كانچى»، قازاق ئىشچى مەدى نەسى.
بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش كۆكتوقاي كان رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئورتاق ئېتىقادى.
«مەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىستاتىستىكا قىلغان، ئەينى چاغدا كۆكتوقاي كان رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئىچىدە خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى، تاتار مىللىتى، رۇس مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، مياۋزۇ مىللىتى قاتارلىق 18 مىللەت بار ئىدى.» «2 - ئەۋلاد كانچى» باقىتبېك جاسىمقان كۆكتوقاينىڭ تارىخىنى نەچچە ئون يىل تەتقىق قىلغان، ئۇ كۆكتوقاينىڭ تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن بۇيۇمنى يىغىپ ساقلىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆكتوقاينىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئورتاق ياراتقان».
بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇش. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللاردا، كۆكتوقايدىكى ھەر مىللەت پەن تەتقىقات تايانچلىرى ۋە ئىشچىلار «گالنى بوغىدىغان ھەربىر خىل ماددىي ئەشيانى بىر قورغان قىلىپ» قىيىنچىلىقنى بىر - بىرلەپ يەڭدى. جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىغا ئىشلىتىلگەن بېرىللىي، تۇنجى ۋودورود بومبىسىغا ئىشلىتىلگەن لىتىي، تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىغا ئىشلىتىلگەن سېزىي، تۇنجى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىشلىتىلگەن تانتال ۋە نىيوبىينىڭ ھەممىسى كۆكتوقايدىن چىقتى.
بۇلا ئەمەس، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، كۆكتوقايدا دۆلەتنىڭ تۇنجى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال سانائىتى بازىسى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن تۈركۈم - تۈركۈم كانچىلىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىدى، يەتكۈزۈپ بەردى. پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتچىلىرىدىن كەنجىبېك، ئابدۇرېھىم، قۇتباي قاتارلىقلار ئۆز ساھەسىدىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.
ئاددىي قەھرىمانلار
ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، كۆكتوقايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھاياتى ئارقىلىق ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش جۇشقۇن ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. ئۇلار ئاددىي ئىش ئورنىدا كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھېكايىلەرنى پۈتۈپ چىقتى.
كۆكتوقاي قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولۇپ، «غەربىي شىمالدىكى 1 - سوغۇق قۇتۇپ» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەينى يىلى كان رايونىدىكى قىش پەسىللىك جەڭدە قېزىش ماشىنىسىنىڭ چوڭ بىلىكى بىۋاسىتە ئۈزۈلۈپ كەتكەن، كۆكتوقايلىقلار بۇنى «مېتال پارچىسى» دەپ ئاتىغانىدى.
مېتال پارچىلانسىمۇ، كىشىلەر قورقۇپ قالمىدى. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى سۇن چۇەنياۋنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ نۆلدىن تۆۋەن 50 سېلسىيە گىرادۇسلۇق سوغۇق كېچىدە، بىرنەچچە ئىشچىنىڭ ماشىنىنى جىددىي رېمونت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. جىددىي رېمونت قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلار ئىككى قولى يالاڭ پېتى مەشغۇلات قىلغان، بىردەمدىلا ئىككى قولى ۋە بىلىكى ئۈششۈپ قالغان.
ئەينى چاغدىكى شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن ئىشچى ئۆپكىگە كىرېمنىي توزانلىرى ئولتۇرۇشۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. كان رايونى ئېغىر دەرىجىدە ئىششىپ كەتكەن ئىشچىلارنى ئۆيىدە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، نورمىلىق ئاشلىقنى ئۆزگەرتمىدى. ئەمما نۇرغۇن كىشى بۇنى رەت قىلىپ، يەنە جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يازدى: «ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشماي تۇرۇپ ئاشلىقنى خورىتىشتىن ئىنتايىن ئوڭايسىزلىنىمەن.» ئىشچى چياپان 2 - باسقۇچلۇق ئۆپكىگە كىرېمنىي توزانلىرى ئولتۇرۇشۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، لېكىن دالىدا قېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا تۆت قېتىم ھوشىدىن كەتتى.
«چارچىمايدىغان ۋاڭ لىدې» «ئىشلەپ ھارمايدىغان يېلىيېف» «سوغۇقتىن قورقمايدىغان بېيسېنبېك»... دۆلەتكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئىشچىلار «قىزىل بايراقنى كۆتۈرۈپ قويۇۋەتمەيدىغان، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئورۇن بوشاتمايدىغان، جان تىكىپ ۋەزىپىنى تاماملايدىغان» ئاددىي ھېسسىياتى ئارقىلىق ۋەتەنگە جان پىدالىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
كۆكتوقايدىكى تېخنىك خادىملار ۋە ئىشچىلار ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيتتى. ئەينى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز مۇتەخەسسىسلىرىنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا، بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت تېخنىكلىرىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدى ھەم ئۇلارغا ياخشى تەمىنات بېرىشكە ۋەدە بەردى، لېكىن بۇ ئاز سانلىق مىللەت تېخنىك خادىملارنىڭ ھەممىسى رەت قىلدى. ئۇلار: «بىزنىڭ دۆلىتىمىز جۇڭگو، ھەر قانچە جاپا تارتساقمۇ، چارچىساقمۇ ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك!» دېدى.
شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى قۇرمەت توغاي مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك مىللەت ئايرىماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىلا ئويلايتتى».
ئالتايدا تۇغۇلغان جانتېكەي مۇقامەت «1 - ئەۋلاد كانچى». ئۇ دائىم بالىلىرىغا: «مەن بىر ئۆمۈر داغدۇغىلىق ئىش قىلالمىساممۇ، ئۆزۈمنىڭ ئېتىقادىمدا ئىزچىل چىڭ تۇردۇم، بۇ ئېتىقاد دەل كوممۇنىستىك پارتىيە» دەيتتى.
قىممەتلىك روھ
«مەن ھەمىشە دادامنىڭ بايراق كۆتۈرگەن سىيماسىنى كۆرەتتىم» دېدى ئەن ئەييىڭ.
ئەن ئەييىڭ سابىق كۆكتوقاي كان ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەن گۇيخۇەينىڭ قىزى. ئەن گۇيخۇەي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا، ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئەن ئەييىڭ مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدا، دائىم دادامنىڭ بايراق كۆتۈرۈپ ئەترەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىنى كۆرەتتىم.
ئەن گۇيخۇەي 1958 - يىلىدىن 1964 - يىلىغىچە كۆكتوقاي كان ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغانىدى. ئەن گۇيخۇەي كاندا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشلاپ كان قۇدۇقىغا چۈشۈپ باشلامچىلىق بىلەن ئىشلىدى. ئەينى چاغدا پۈتۈن مەملىكەتتە كىيىم - كېچەك، ئاشلىق كەمچىل ئىدى، ئەن گۇيخۇەي پارتىيەلىك كادىرلاردىن ھەر كۈنى نورما بەلگىلەپ، ئالدى بىلەن ئىشچىلارنىڭ نورمىسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
1959 - يىلى ئەن ئەييىڭنىڭ 11 ياشقا كىرگەن 2 - ئىنىسى مومىسى بىلەن بىللە كۆكتوقايغا كەلدى. بىر كۈنى 2 - ئىنىسى كان رايونىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنىڭ كەينىگە بېرىپ ياۋا كۆكتات يۇلۇپ يېدى، نەتىجىدە ئاشقازىنى بىئارام بولدى. ئاشخانىنىڭ ئاشپىزى لى ئۇستام بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن ئىچى ئاغرىپ، بالىنى يېتىلەپ ئاشخانىغا ئەكىرىپ، ئۇنىڭغا بىر موما بەردى. بالا مومىنى ئېلىپ يېيىشكە كۆزى قىيماي، ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ مومىسى بىلەن بىللە يېمەكچى بولدى. نەتىجىدە ئەن گۇيخۇەي بايقاپ قالدى، ئۇ مومىنى ئېلىۋېلىپ، قايتۇرۇۋېتىش پىكرىدە چىڭ تۇردى.
ئاشخانىدا، ئەن گۇيخۇەي لى ئۇستامغا: «بالام ئالاھىدە بولۇۋالسا بولمايدۇ» دېدى.
لى ئۇستام تىت - تىت بولۇپ مۇنداق دېدى: «بالىنىڭ قورسىقى مۇشۇنداق ئېچىپ كەتكەن تۇرسا، مەن كۆرمەسكە سالسام بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۇ سىزنىڭ بالىڭىز بولۇش - بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇ موما مېنىڭ نورمام، مەن بالىغا بېرىشنى خالايمەن...»
«ئەن گۇيخۇەيگە ئوخشاش نۇرغۇن پارتىيەلىك كادىر بولغاچقىلا، غەيرىتىمىز تولۇپ تاشتى. جاپا تارتساقمۇ، بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز.» كۆكتوقايدىكى 1 - ئەۋلاد پېشقەدەم كان ئىشچىسى ئايدارقان چالقارباي مۇنداق دېدى: كۆكتوقاي بازىرىدا، خالىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەن گۇيخۇەيگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە ھېكايىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.
كۆكتوقاي نېمە ئۈچۈن دۆلەتكە شۇنچە چوڭ تۆھپە قوشالايدۇ؟ گېئولوگ، كۆكتوقاي 701 - گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان لى چىڭچاڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى شۇكى، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پارتىيەلىك كادىرلار كۆپچىلىكنى باشلاپ بىللە ئىشلىدى، «ئەن گۇيخۇەي، بەي چېڭمىڭ، ۋاڭ سۇڭيى، جاڭ زىكۇەن... كۆكتوقايلىقلار ئۇلارنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ».
تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، كۆكتوقاي روھىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، كۆكتوقاي گۈزەل تۈسكە كىرىپ، مەملىكەت بويىچە زاۋۇت - كان رايونلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.
2017 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شىنجاڭ كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى كۆكتوقاي بازىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، كۆكتوقاي روھى شۆيۈەننىڭ پۈتۈن شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا يۈزلەنگەن پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى. شۆيۈەن ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت ۋاڭ دەن مۇنداق دېدى: «بىز كۆكتوقايدىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى كۇرسانتلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىپ، كۆكتوقاي روھى ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىمىز».