ۋېي يۇڭگۇي
يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، 30 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئامما كۆكتوقايدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، قىممەتلىك كۆكتوقاي روھىنى شەكىللەندۈردى.
كۆكتوقاي روھى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ يېقىن ئۆتكەن ئىگىلىك تىكلەش تارىخى، ئىتتىپاقلىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش تارىخى، تەقدىرداش بولغان كۈرەش تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەرقايسى مىللەتلەر بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتەك ھەقىقىي ئەسلىمە مۇجەسسەملەنگەن. كۆكتوقاي روھىدا نامايان قىلىنغىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان دوستلۇق رىشتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاساس قىلغان ئورتاق ئارزۇ، ئورتاق ئېتىقاد تىرىكى، ئورتاق غايىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدۇر.
كۆكتوقاي روھىنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى دەل «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى». كۆكتوقاي روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆكتوقاي روھىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنى، قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىش ھەم ئەۋج ئالدۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۆپ جانلىق مىساللار بىلەن تەمىنلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.