− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ئەڭ مۇھىم.
خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتىن سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشىغىچە، ئادەمنى ئاساس قىلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدىن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى ئارزۇسىغىچە، يېڭى جۇڭگونىڭ 75 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق تارىخىي مۇساپىسى يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، بېكىنمە، ئارقىدا قالغان ھالەتتىن ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشكە ئاتلانغان، كىيىنىش، تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلانغان، نامرات، ئاجىزلىقتىن گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقا ئاتلانغان كۈرەش تارىخى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر ۋاقىت ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنىڭ غېمىنى يەپ، «ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تېز يولىدا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى.
ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بۇ تۇپراقنىڭ ھەممىلا يېرىدە تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى مەدھىيەلەپ ئېيتىلىۋاتقان ناخشىلار تارقالماقتا.
تەرەققىيات داۋامىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا تۈرتكە بولۇندى
خەلققە بەخت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، بۇ، ھەم پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى».
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى بازىرىدىكى 68 ياشلىق ئاھالە جاڭ يۈلەن تاللا بازاردا تاۋار سېتىۋالغاچ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيىمىزدە ئاچا - سىڭىللىرىم كۆپ بولغاچقا، ئاشلىق يېتىشمەيتتى، كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن بىز ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ بۇغداي ئېتىزى، ياڭيۇ ئېتىزىغا بېرىپ ئاشلىق تېرەتتۇق، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق ياڭيۇ يېيىش دائىملىق ئىش ئىدى. ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، نېمە يېگۈمىز كەلسە شۇنى سېتىۋالىمىز».
ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، جاھان ئۆزگەردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرەققىياتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردى.
2023 - يىلى، شىنجاڭدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 40 مىڭ 578 يۈەن بولۇپ، 1978 - يىلىدىكى 319 يۈەننىڭ 127 ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ بولدى!
2023 - يىلى، شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 17 مىڭ 948 يۈەن بولۇپ، 1978 - يىلىدىكى 119 يۈەننىڭ 150 ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ بولدى!
2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، سېلىنما، ئىستېمال، ئىمپورت - ئېكسپورت، مالىيە، ئاھالە كىرىمى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى!
تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تەدرىجىي قويۇپ بېرىش، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى. مالىيە چىقىمىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئون چوڭ خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا سىجىل نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى.
1949 - يىلى، شىنجاڭدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى ئاران %19.8 ئىدى.
بۈگۈنكى دەۋرگە نەزەر سالساق، شىنجاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 102 بالىغا بىر يەسلى، ھەر 783 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ توغرا كېلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇشقا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98.25كە يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر - يېزىلىرىدا يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى!
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 30 ياشقا يەتمەيتتى.
بۈگۈنكى دەۋرگە نەزەر سالساق، شىنجاڭدا شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، ھەربىر كەنتتە ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ئۆيى بار بولۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسىدە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «كىچىك كېسەللەرنى كەنتتىن چىقمايلا داۋالىتىش، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى يېزا - بازاردىن چىقمايلا داۋالىتىش، ئېغىر كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقمايلا داۋالىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئىلگىرى، يېزىلاردىكى ھەممە ئائىلە كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى.
بۈگۈنكى دەۋرگە نەزەر سالساق، شىنجاڭدا يېزىلاردا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيدىن جەمئىي 2 مىليون 700 مىڭ يۈرۈش سېلىندى، 11 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى!
ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، كېسەللەر داۋالىنالايدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ ئۆيى بولۇش... خەلققە پايدىلىقلا ئىش بولسا، ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ جەزمەن بېجىرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەلق تۇرمۇشى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.
تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەل قىلىندى
75 يىل بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپالارنى باشتىن كەچۈردى، 75 يىل ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق جۇڭگو زېمىنىغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن چوڭ يېزىلغان «人» دېگەن خەت ئويۇلدى.
كىيىم - كېچەكتە «كۆك، يېشىل، كۈل رەڭ، قارا» بولۇشتىن «كۈندە ھەر خىل بولۇش»قىچە، يېمەك - ئىچمەكتە «تويۇنۇشنىلا تەلەپ قىلىش»تىن «ساغلام ئوزۇقلىنىش»قىچە، تۇرالغۇدا «پاكار كېسەك ئۆي»دىن «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى بىلەن تولۇش»قىچە... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋەتىنىمىز قوينىدىكى شىنجاڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش بىلەن مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلىك مۇتلەق ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، بەخت - سائادەتنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن چىقىش يولى ئىزدىدى، چارە ئىزدىدى.
خەلق ئاممىسىنى كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، داۋالىنالايدىغان، ياخشى داۋالىنالايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق رايى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، داۋالاش قوشۇنى ۋە داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا سىجىل ئالغا ئىلگىرىلەپ، داۋالىنىش كاپالەت تورىنى ئۈزلۈكسىز زىچ توقۇدى.
«ھازىر بېشىمىز ئاغرىسا، قىزىپ قالساق چارۋىچىلىق رايونىدىكى داۋالاش ئۆيىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىپ دورا ئالالايمىز، يەنە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، بۇنىڭ بىلەن غەم - ئەندىشىمىز ھەل بولدى.» يېقىندا، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئالاقاق بازىرى بىتېۋتال كەنتىدىكى چارۋىچى باقىتگۈل ئەسقەر مۇنداق ھېسابات قىلدى: مەن كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن جەمئىي 95.14 يۈەن خەجلىدىم، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىنلا 42.5 يۈەن ئاتچوت قىلىپ بەردى، «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، ھازىر بىز ئىشىك ئالدىمىزدىلا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايمىز».
«ياشانغانلار - بالىلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەم بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ھەم ياشانغانلار كۆپىيىشكە پائال ھازىرلىق كۆرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. شىنجاڭ ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆينى ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ئۆيىنى ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.
«گەرچە كىچىككىنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.» كۈيتۈن شەھىرى ئۈرۈمچى شەرقىي يولى كوچا باشقارمىسى خۇلانبۇلاق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لياڭ شيۇمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا كۈيتۈن شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆيۈمنى ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ بەردى، «بۇلۇڭلارغا، ماتۇڭنىڭ يېنىغا تۇتقۇچ ئورنىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە تازىلىق ئۆيى، ئاشخانىغا تېيىلىشتىن ساقلىنىش سېلىنچىسى سېلىپ بەردى. ھازىر مەن ئۆيدە يالغۇز مېڭىپ يۈرسەممۇ ئەنسىرىمەيمەن».
بۇ ئوقۇش باشلاش پەسلىدە، ئۇلۇغچات ناھىيەسى ئۇقسالۇر يېزىلىق مەركىزىي يەسلى ئۇقسالۇر كەنتى تارماق يەسلىسىدە، ئالتە ياشلىق نۇرتىلەك ئىلقاربېك يەسلىگە بىللە كىرگەن كىچىك ھەمراھلىرىنى كۆرۈپلا، تاقەتسىزلىك بىلەن ئاپىسىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى.
نۇرتىلەكنىڭ ئاپىسى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر بالىلار ئىشىك ئالدىدىلا ياخشى يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، كۈچىمىز ۋە زېھنىمىز تېجەلدى».
شىنجاڭ ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر تىزىملىكىنى مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكىگە ئايلاندۇردى. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان ھەربىر خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى «خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بەختلىك قىلىش <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>» دېگەن ئىللىق قەسەمنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.
ئىسلاھات سالمىقى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى ئاشۇرۇلدى
خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش شەرت.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق تەدبىر» ۋە «مۇھىم ئەڭگۈشتەر»دىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ ئىسلاھات پىكىر يولىنى پىلانلاپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئىسلاھات سالمىقى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «تۆۋەنلىتىش، قايتۇرۇش، تولۇقلىما بېرىش، كېڭەيتىش» قاتارلىق يۈكنى يېنىكلىتىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئومۇميۈزلۈك يار - يۆلەك بولدى −
9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ مېينىكاڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا، بۇ يىل ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىنى پۈتكۈزگەن خې يۈشۈەن ئاغرىقنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.
«بۇلتۇر، ھۆكۈمەت قوبۇل قىلغان ھەربىر ئادەمگە 1500 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، بىزگە بىر قېتىملىق ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى. بۇ يىل، بىز يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بەش كىشىنى قوبۇل قىلدۇق، سىياسەت ھەم يۈكنى يېنىكلىتىدۇ، ھەم رىغبەتلەندۈرىدۇ» دېدى شىنجاڭ مېينىكاڭ كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى مەسئۇلى ياڭ فەن.
شىنجاڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى يېنىكلەتتى −
«ئائىلەم نامرات بولغاچقا، مەن ئۇدا بەش يىل ھۆكۈمەت ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدۇم، ھازىر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملىشىپ خىزمەت تېپىپ بەردى، كېيىن تۇرمۇشۇم ياخشىلانغاندا، مەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆزۈم تاپشۇرىمەن.» ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى باغچى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاشخانىسىدا، كەنت ئاھالىسى گۈلپىيەم مەمەت قورۇما قورۇغاچ كەلگۈسىگە بولغان يېڭى ئۈمىدلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
«ياشانغانلار مېيىپلەرنى باقىدىغان» «مېيىپلەر كۆپ» ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «يەككە كىشىلىك ئائىلە» بويىچە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتقان ئائىلىلەردىكى ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپ كىشىلەرنى قۇرامىغا يەتكەن ئىشسىز ئېغىر مېيىپلەرگىچە كېڭەيتتى −
«ھازىر ئىنىم ھەر ئايدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالالايدۇ، ئائىلىمىزنىڭ يۈكى خېلىلا يېنىكلىدى.» 2023 - يىلى، قۇرامىغا يەتكەن ئىشسىز ئېغىر مېيىپلەرگە قارىتا «يەككە كاپالەت» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن بازىرى ئاھالىسى ئا Xنىڭ روھىي جەھەتتىن 2 - دەرىجىلىك مېيىپ ئىنىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىر ئۈلۈش كاپالەتكە ئىگە بولدى.
«ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.» «خەلق» دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر دەقىقىسى بىلەن تولدى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا مەھكەم چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۇرغۇپ چىققان كۈچلۈك ئىللىق ئېقىم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىمەكتە.