«شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى (9 ـ مەيدان) ئۆتكۈزۈلدى
قىزىلسۇ ئوبلاستى سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلەتتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ: ئەركەشتام پورتى چېگرا دەريا كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئورنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلتىماس قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ چېگرادىن كىرىدىغان تىرىك چارۋا، مېۋە، گۆش تۈرىدىكىلەر، كۆمۈر، ئاشلىق قاتارلىق تاموژنا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەشغۇلات سورۇنىدىن 15نى بەرپا قىلدى... 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئېچىلغان «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى (9 ـ مەيدان)دا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار تاشقى سودا تەدبىرلىرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بۇ مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «سانائەت ئىقتىسادىدىكى <ئۈچ چوڭ ئورۇنلاشتۇرما> <تۆت چوڭ كەسىپ>نى يولغا قويۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش». قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق تونۇشتۇردى: قىزىلسۇ ئوبلاستى «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەركەشتام، تورغاتتىن ئىبارەت ئىككى پورتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئورۇزئالى قاشقارباي مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستى چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان غەربىي چېگرادىكى ئېگىزلىك، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ چېگرا سودىسىدىكى مۇھىم جاي، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى خاسلىققا ئىگە ئوبلاستنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىۋاتىدۇ.