سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇپ، كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2024年09月29日
来源:天山网
【字体:

داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈر خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇپ، كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ما شىڭرۇي، ئا دۇڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈر خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 ـ شۇجىسى ئا دۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈر خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 ـ شۇجىسى ئا دۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەم كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت ئويلىنىشىنى دوكلات قىلدى. غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى ۋەكىللىرىدىن شۈ سەن، گاۋ چاۋ، چيەن لۇڭ، ياڭ شياۋلياڭ، ياڭ شياۋخۇا، سۈي جېنچياڭ، ۋاڭ جۈنياڭ، فۇ خۇيپىڭ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ يۈنجۇاڭ سۆز قىلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىش ئويى، كەچۈرمىشلىرى ۋە ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، بۇرچىنى ئادا قىلىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىغا، شىنجاڭدا شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياش پىدائىيلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ياشلارنى غەربىي قىسىمدىكى بىپايان تۇپراقتا قابىلىيىتىنى نامايان قىلىش، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى. 21 يىلدىن بۇيان، تۈركۈم ـ تۈركۈم غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى شىنجاڭغا كېلىپ تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭدا قېلىپ تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلارغا پائال ئاتلىنىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈرىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە شىنجاڭ خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قوبۇل قىلىش، باشقۇرۇش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، شىنجاڭدا ئېلىپ قېلىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىش، ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىش، مائارىپ، داۋالاش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مايىللىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. غەمخورلۇق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كەڭ ياشلارنىڭ ياخشى قەلبدىشى، سىردىشى، يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەلبىنى شىنجاڭ خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چىنىقىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي قابىلىيىتى ۋە ئەمەلىي بىلىمى بىلەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش داۋامىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇشىنى، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئا دۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي قىسىم پىلانى يولغا قويۇلغان 21 يىلدىن بۇيان، پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىر تۈرلۈك سىياسىي قۇرۇلۇش، ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى بولۇپ قالدى. غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ياشلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم پىلانى شىنجاڭ مەخسۇس تۈرى خىزمىتىنىڭ سىياسىي ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى ياخشى سۆزلەپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «يۈز، مىڭ، ئونمىڭ» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەرنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «ياشلار» ماركىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇدۇللىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ۋاسىتە، تۈرلەرنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىش، شىنجاڭدا قېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىدائىيلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ غايە يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، دەۋر بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان يېڭى دەۋر ياخشى ياشلىرىدىن بولۇپ، ياشلىق باھارىنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.