ما شىڭرۇي پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تۈردە ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئەركىن تۇنىياز، ليۇ ۋېيپىڭ تەبرىك سۆزى قىلدى
9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، سەنشيا گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولى ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، سەنشيا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېيپىڭ، سەنشيا گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى لى فۇمىن تۈردە ئىش باشلاش كۇنۇپكىسىنى بىرلىكتە قوزغاتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، چاقىلىق، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سەنشيا گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولى توك مەنبەسى تۈرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تۈردە ئىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، سەنشيا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېيپىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.
«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولىنىڭ ئومۇمىي سېلنىمىسى تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەن. بۇ قېتىم ئىش باشلانغان توك مەنبەسى تۈرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك «قۇملۇق، چۆل ـ باياۋان» سىرتقا يەتكۈزۈش تۈرى ھېسابلىنىدۇ، يىرىك پىلاندىكى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى تەخمىنەن 19 مىليون كىلوۋات بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە سىچۇەن ـ چۇڭچىڭغا توك يەتكۈزۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۈر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىن سىچۇەن ـ چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلىدىغان يېشىل توكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئېشىپ، كەچلىك يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە 5 مىليون كىلوۋات ئىشەنچلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ تۈرنىڭ دۆلەت يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشىدىن يۈرۈشلەشكەن توك مەنبەسى تەستىقىغا ئېرىشىشىگىچە، پەقەت 266 كۈن سەرپ قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە «قۇملۇق، چۆل ـ باياۋان» چوڭ بازىسى ھەم يۈرۈشلەشكەن توك مەنبەسى لايىھەسىنىڭ تەستىققا ئېرىشىشىدىكى ئەڭ تېز رېكورت يارىتىلدى.
ئەركىن تۇنىياز تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىدىن زور ئۈمىد كۈتتى. شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن «ئۈچ بازا، بىر يول» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، توك يەتكۈزۈش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلاپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30كە يېقىنلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى. ھازىر شىنجاڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. سەنشيا گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
ليۇ ۋېيپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولى توك مەنبەسى تۈرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش، يېشىل، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بايلىق ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تېز قويۇپ بېرىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت مۈلكى مەركەز كارخانىلىرىنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى. سەنشيا گۇرۇھى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتتە تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ ۋە سىڭىشىپ، يېڭى دەۋردىكى مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىرىشىپ يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
سەنشيا گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تۈر ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن ئىش باشلاش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. يۈسۈپجان مەمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، سەنشيا گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، ئاپتونوم رايوندىكى قىسمەن ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن كارخانىلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار، قۇرۇلۇش خادىملىرى ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.
ئىش باشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتى يېڭى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنىرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 ـ يولى توك مەنبەسى تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق ھالقىسىمان تور قاتارلىق مۇھىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پايدىلىق قۇرۇلۇش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى ۋە چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.