پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز

日期:2024年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، لى پېڭشىن، خەن يۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىدا ئاشكارىلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەم بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، بەنزە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تۈزىتىش، تەكشۈرۈش ـ تەھلىل قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىر ـ بىرلەپ ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى، تەنقىد قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە لى پېڭشىن قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەركەزنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز. لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ غايەت زور زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ، دېلو ئارقىلىق ئىبرەت ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

ئەركىن تۇنىياز خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، باشلامچى بولۇپ «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قىيىنچىلىق مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنىڭ «تەشەببۇسكارلىق جېڭى»نى ياخشى قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پاك ـ دۇرۇس بولغان سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.