ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، لى پېڭشىن، خەن يۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىدا ئاشكارىلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، مەنبەدىن چوڭقۇر قېزىش، روھقا تەسىر كۆرسىتىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆزىنى قاتتىق، پۇختا تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تۈزىتىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا، زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىر ـ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قاتتىق، ئەمەلىي قانات يايدۇردى.
كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، پارتىيەمىزنىڭ سىجىل تۈردە ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. مەركەزنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز. ئىبرەت ئېلىپ قايتا ئويلىنىپ، ئىبرەت قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
زۇمرەت ئوبۇل خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى باشلامچىلىق بىلەن يېتىلدۈرۈپ، پاك ـ دۇرۇس بولغان سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئورگان»دىن ئىبارەت ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەلەپنى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت ـ فاڭجېنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.