ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ـ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسى بويىچە دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، لى پېڭشىن، خەن يۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىدا ئاشكارىلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىنى قاتتىق، پۇختا تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن بۇرۇن، بەنزە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، لى پېڭشىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يازدى. يىغىندا، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى، پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىر ـ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىد قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قاتتىق، ئەمەلىي قانات يايدۇردى.
كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە لى پېڭشىن قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەركەزنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز. لى پېڭشىن قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىنى ئىبرەت قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
نۇرلان ئەبىلمەجىن خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن ـ ئاخىر بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش؛ مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئورگان كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەلەپچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر پاك ـ دۇرۇس بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك.