ئاپتونوم رايون پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

日期:2024年09月29日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، «بەشتە ياخشى» كەنت پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان پۇختا تەشكىلات سىستېمىسى، مۇستەھكەم تايانچ قوشۇننى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى پائال، پۇختا زورايتىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن كۆپەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، يېزا ـ كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى ۋە تايانچ قوشۇننى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات سىستېمىسىنى پۇختىلاش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، كەنتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقان ياخشى ياچېيكا شۇجىلىرى تەقدىرلەندى، بەش ئورۇن تەجرىبە ئالماشتۇردى.