ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ـ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ۋە شەرەپ كەلتۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 ـ يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش چۆرىدىلىپ، تەجرىبە، تەسىراتلار ئالماشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
«ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز» «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلايمىز» «كەسپىي ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىنقى قاتاردا ماڭىمىز»... يىغىندا، يىغىنغا سىرتتىن قاتناشقان ئون نەپەر مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ئون نەپەر سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىل يازما پىكىر ئالماشتۇردى. زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، جەملەپ، تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىمىز ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈزۈم ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقنى، خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئەخلاقنى، تەلەپچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق ـ پەزىلەتنى قەدىرلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتقا سىڭىشىپ، ئىسلاھاتنى قوللاپ، ئىسلاھاتقا قاتنىشىپ، ئۆز ئىش ئورنىدا ئىسلاھاتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللەر ئىش ئورنىدا ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقنىڭ ئارزۇ ـ تەلەپلىرىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىسلاھاتقا مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش . ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» تەشۋىقات ـ لېكسىيە باش تېما پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلاپ بىلىش، چۈشىنىش، خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىش، ئاسان قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلارنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلىپىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان تەدبىر ـ چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان، كارغا كېلىدىغان قىلىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
لى نىڭپىڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.