شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، 2024 ـ يىللىق شىنجاڭ پاختا، پاختا يىپ كەسپى تەرەققىيات مۇنبىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات ـ سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خوۋ شۇنلى ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېيسى لى جېنگو ئايرىم ـ ئايرىم سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭگو پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزى، مەملىكەتلىك پاختا سودا بازىرى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاختا كەسپىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قېزىپ، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تاۋلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ ھەم جۇڭگو پاختا كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش مەقسەت قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى مۇنبەردە بىر ئاساسىي مۇنبەر ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش ـ تېرىش، سېتىۋېلىش ـ پىششىقلاش، سودا ئوبوروتى، توقۇمىچىلىق ئىستېمالىدىن ئىبارەت تۆت شۆبە مۇنبەر تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي مۇنبەردە نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ پاختا، پاختا يىپ كەسپى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم پىلانلاش، شىنجاڭنىڭ پاختا، پاختا يىپ كەسپى تەرەققىياتىدا يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس، يېڭى بىر يىلدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت كەسپى سىياسىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، كېۋەز ئىشلەپچىقىرىش ـ تېرىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، دۆلىتىمىزنىڭ پاختا ۋە پاختىدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە نەزەر سېلىش، كۆپ خىل توقۇمىچىلىق تالاسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق قارالمىلار چۆرىدىلىپ باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەش قانات يايدۇرۇلدى.
2015 ـ يىلىدىن باشلاپ، مەملىكەتلىك پاختا سودا بازىرى ھەر يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ پاختا كەسپى تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، بۇ قېتىمقى مۇنبەر مۇشۇ مۇنبەر ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، پاختا كەسپىگە ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ساھە تەشكىلاتلىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنىدىكى پاختا كەسپىگە ئالاقىدار كارخانىلار، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كېۋەز تېرىيدىغان دېھقان ئائىلىلىرى، پاختا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كارخانىلىرى ھەمدە ئالاقىدار تاراتقۇلاردىن بولۇپ 1200دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.