导航切换

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىدۇ، پار مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ، بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ ←

日期:2024年09月26日
来源:天山网
【字体:

مەلۇمات:قاتتىق قارا يامغۇر! يامغۇر ئارىلاش قارغا، ئاندىن قارغا ئۆزگىرىدۇ! تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ...


9-ئاينىڭ 25-كۈنى كېچىدىن 28-كۈنى كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شەرقىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە بولغان لىنىيەدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قارا يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىكەن)؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم شامال ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 10- 11 بالغا، ئۆتكۈنچى بوران 13 بالغا يېتىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 - 6 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا توپا توزۇيدىكەن ياكى قۇم بوران چىقىدىكەن. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى كۈندۈزدىن 30- كۈنى كېچىگىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي قىسمى، بورتالا ئوبلاستى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن.

9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇستىن 0 گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ باشقا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 0 گىرادۇستىن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 11 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن.

ئەسكەرتىش:قاتتىق قارا يامغۇر! يامغۇر ئارىلاش قارغا، ئاندىن قارغا ئۆزگىرىدۇ! تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ...


1. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرا ئېگىز تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يامغۇر ئارىلاش قارغا ياكى قارغا ئۆزگىرىپ، يول تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ ۋە كۆرۈش دەرىجىسى ناچار بولۇپ، ساياھەت ۋە قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ساياھەت مەنزىرە رايونى ۋە مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى قاتارلىق ساياھەت لىنىيەلىرىگە بولغان بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

2. 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، ئامما ۋاقتىدا قېلىنراق كىيىنىپ، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

3.كۈزلۈك يىغىم ۋە تېرىم خىزمىتىنى پايدىسىز ھاۋارايى كۆرۈلگەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ قانات يايدۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىللىقلىق:شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پار مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىلىدۇ


9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى مۇۋاپىق پەيتتە ئوت يېقىپ، بۇ يىل قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى باشلىدى.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى،تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى پار قازانغا ئوت يېقىپ، پار بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدى.پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى 2025-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، ئەگەر ناچار ھاۋارايى كۆرۈلسە يەنە ئۇزارتىلىدۇ.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى،مورى ناھىيەسىدە مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى،ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە پار بېرىش قوزغىتىلدى،مۇددەتتىن بۇرۇن پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان كۆلەم تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. يەنەبۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىمۇ ئارقا- ئارقىدىن رەسمىي ئوت يېقىپ، بۇ يىل قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى باشلىدى.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى،موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىپار بىلەن تەمىنلەشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت رەسمىي پار بىلەن تەمىنلەشنى باشلايدۇ.

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى9-ئاينىڭ 20-كۈنى پار قازانغا رەسمىي ئوت يېقىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلەتتى، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ھەرقايسى ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتلىرىغا پار بېرىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە نورمال پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى.

دىققەت:پار بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇنقى بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ!


ئولتۇرۇشلۇق قورۇنىڭ ئېلان تاختىسىدىكى سۇ بېرىش، بېسىم بېرىش ئۇقتۇرۇشىدىكى كونكرېت ۋاقىتنى ياخشى خاتىرىلەپ، ئۆيدە ئادەم قالدۇرۇش كېرەك. ئەگەر تۇرۇبا يولىدىكى سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانسا، بۇ ۋاقىتتا گاز چىقىرىش كىلاپانىنى ئېچىپ، تۇرۇبا يولىدىكى ھاۋانى سىرتقا چىقىرىۋېتىش كېرەك.

خىزمەتچىلەر ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ سۇ كىرىش، سۇ قايتىش كىلاپانىنى ئېتىۋېتىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن ئاچسا، سىناققا تەسىر يەتمەيدۇ ھەم خىزمەت ۋاقتىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبېرىشىدىن ئەنسىرىىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

ئۆز ئۆيىدىكى پار ياپراقچىسى، تۇرۇبا يولى، كىلاپاننى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، سۇ چىقىش، سۇ تەپچىش، تامچىلاش، ئېقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كىلاپاننى ۋاقتىدا ئېتىۋېتىپ رېمونت قىلىش كېرەك.

گاز چىقىرىش كىلاپانىنىڭ ھىم ئېتىلگەن-ئېتىلمىگەنلىكىنى، سۇ سىرغىپ چىققان-چىقمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، پارغا سۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن گاز چىقىرىش كىلاپانىنى ئېچىپ ھاۋانى چىقىرىۋېتىش، گاز چىقىرىش كىلاپانىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك.

گاز ئىشلەتكۈچىلەر پار ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتمەسلىك، مەسىلەن، ئايلانما پومپا سۇ قويۇپ بېرىش كىلاپانى ئورنىتىش قاتارلىقلار.

ئەگەر پار بىلەن تەمىنلىمىسە، گاز چىقىرىش كىلاپانىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇبا يولىدىكى سۇنى پاكىز قويۇپ بېرىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك تۇرۇبا يولىدىكى سۇنىڭ مۇز تۇتۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

كارىدوردا سۇ ئۆتۈپ كېتىش، ئولتۇراق رايوندىكى پار تۇرۇبىسىدىن سۇ تەپچىش كۆرۈلگەن بولسا، دەرھال قاراشلىق پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە مەسىلىنى ئىنكاس قىلىش كېرەك.