导航切换

كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كەلدى  شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا مۇددەتتىن بۇرۇن پار بېرىلىدۇ

日期:2024年09月26日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى مۇۋاپىق پەيتتە ئوت يېقىپ، بۇ يىل قىشلىقپار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى باشلىدى.


خىزمەتچىلەر ئوت يېقىش تەرتىپىنى قوزغاتتى، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنى پار قازاندا كۆيمەكتە. سۈرەت/چۆچەك شەھىرى نۆل ئارىلىق

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك شەھىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسى پار قازانغا ئوت يېقىپ، پار بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدى.

شۇ كۈنى، چۆچەك شەھىرى«تيەنچېڭ» ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، چۆچەك شەھىرى«خۇڭرۈي» ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى پار قازانغا ئوت يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پار بىلەن تەمىنلەشتىكى «تۇنجى ئوت»نى تۇتاشتۇردى، بۇ، چۆچەك شەھىرىنىڭ 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان پار بىلەن تەمىنلەش پەسلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە،ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل چۆچەك شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى سەل ئالدىغا سۈرۈلگەن بولۇپ، پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى 2025-يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، ئەگەر ناچار ھاۋارايى كۆرۈلسە يەنە ئۇزارتىلىدىكەن.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، مورى ناھىيەسىدە مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى مورى ناھىيەسىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى تەخمىنەن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، بۇ يىل ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە مورى ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن پار بىلەن تەمىنلەشنى بېكىتكەن.


كۆكتوقاي ناھىيەسى يۈنشېڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سۇپىسىنى تەكشۈرمەكتە.

سۈرەت/كۆكتوقاي نۆل ئارىلىق

9-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسى «يۈنشېڭ» ئىسسىقلىقبىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەشتىكى «تۇنجى ئوت»نىتۇتاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، كۆكتوقاي ناھىيەسى «يۈنشېڭ» ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 2 مىليون 800 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە تەۋەلىكتىكى36 ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا سۇ قۇيۇلۇپ بولغان، قىسمەن رايون بۆلەكلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىسسىقنى ھېس قىلىدىكەن، مۇددەتتىن بۇرۇن پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان كۆلەم تەدرىجىي ھالدا ھەرقايسى مەھەللىلەرگە كېڭەيتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھاۋارايىغا ئاساسەن ھەر ۋاقىت ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ تېمپراتۇرىنى ئۆرلىتىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىمۇ ئارقا-ئارقىدىن رەسمىي ئوت يېقىپ، بۇ يىل قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى باشلىدى.

9-ئاينىڭ 25-كۈنى،موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىپار بىلەن تەمىنلەشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ھەر ۋاقىت رەسمىي پار بىلەن تەمىنلەشنى باشلايدۇ.

باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىپار قازانغا رەسمىي ئوت يېقىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلەتتى، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىنباشلاپ ھەرقايسى ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتلىرىغا پار بېرىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە نورمال پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى.

مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا،9-ئاينىڭ 25-كۈنىكېچىدىن9-ئاينىڭ 28-كۈنىكېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇنىڭ شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىردىن ئېگىز تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يامغۇر ئارىلاش قارياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر (قار) ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا10~8سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك چۈشىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا3-~ 0سېلسىيە گىرادۇسقا، شىمالىي شىنجاڭ، قومۇل شەھىرىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا4 ~ 0سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى