导航切换

شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنىنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى! سىزنىڭ يېگىنىڭىز ئۆلچەمگە توشۇپتىمۇ؟

日期:2024年09月26日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

قانداق لەڭمەن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي گۇيرۇ لەڭمىنى بولالايدۇ؟

لەڭمەننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 800 گىرام بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ

بۇنىڭ ئىچىدە لەڭمەننىڭ سېيى 450 گىرام

لەڭمەننىڭ سېيىدىكى كالائومۇرتقا گۆشى ياكى قوي ئارقا سان گۆشى 120 گىرامدىن ئېشىشى كېرەك...

يېقىندا

شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتى ئېلان قىلغان

«شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمەننىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى»

دېگەن خەۋەر قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى


ۋېيبو كەسمە رەسىمى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك كەسپىي جەمئىيەتلىرى

تۈزگەن ئۆلچەملەرنى بەس-بەستە ئېلان قىلدى

ھازىرغا قەدەر

شىنجاڭ تەخمىنەن 10 خىل خاس يېمەك-ئىچمەكنىڭ

كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقتى


توقسۇن خاس لەڭمىنىدىن كۆرۈنۈش (ماتېرىيال سۈرەت).

لى جىڭخەي فوتوسى

شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېز ئۆلچەملەشتۈرۈشى

زادى قانچىلىك قىممەت ئېلىپ كېلىدۇ؟

قانچىلىك چوڭ كەسىپنى «ئۆلچەم»لەشتۈرىدۇ؟

بۈگۈنبىز بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ باقايلى


لەڭمەن شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىنىڭ بىرى

ئۇنىڭغا شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز قىزغىنلىقى مۇجەسسەملەنگەن

مەسىلەن:ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سۈيرۇ لەڭمىنى

تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن لەڭمىنى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ گۇيرۇ لەڭمىنى

شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچى-سانجى رايونىدا

تەدرىجىي ئەۋج ئالغان ئاچچىق-چۈچۈك لاپىزى لەڭمەن...


مەنبە:سانجى ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى ماركىسىنى بەرپا قىلىش، شۇ جاينىڭخاس يېمەك-ئىچمىكى ئۈچۈن تېخنىكا ئاساسى يارىتىش مەقسىتىدە، 2023-يىلى 9-ئايدا، گۇچۇڭ ناھىيەسى «گۇچۇڭ گۇيرۇ لەڭمىنى»نىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، گۇچۇڭ گۇيرۇ لەڭمىنىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە تۈرلۈك تېخنىكا كۆرسەتكۈچلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ گۇيرۇ لەڭمىنى»نىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمى گۇچۇڭگۇيرۇلەڭمىنى بىلەن توقسۇن گۇيرۇ لەڭمىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەت يېمەك-ئىچمەكلىرى ئىچىدە كەڭ بازارغا ئىگە.


مەنبە:ساۋەن نۆل ئارىلىق

ساۋەن داپەنجىسىمۇ شۇ جاينىڭ خاس تائاملىرىنىڭ بىرى

ساۋەن داپەنجىسىنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن

پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە داڭلىق ماركا تەسىر كۈچى بەرپاقىلدى

بۇ يىل 3-ئايدا

ساۋەن شەھىرىمۇ

«شىنجاڭ ساۋەن داپەنجىسىنى قورۇش تېخنىكا قائىدىسى»نى ئېلان قىلىپ

ساۋەن داپەنجىسىنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك ماتېرىيالى، ياساش ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇردى


مەنبە:ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئۆلچەم ئارقىلىق يېمەك-ئىچمەكنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشتا

ئەڭ تىپىك بولغىنى ماكدونالد ۋە كېنتاكى بولۇپ

ئىستېمالچىلار مەيلى قايسى دۇكانغا كىرىپ

ھامبۇرگ بولكىسى، ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇ پاچىقى قاتارلىقلارنى يېسۇن

تەمى ئاساسەن ئوخشاش

بۇ دەل ئۆلچەمنىڭ رولى

2014-يىلى، سودا تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۈرۈمچى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپىجەمئىيىتى شىنجاڭ داپەنجىسى، نان، پولۇ، كاۋاپ، ۋەنزىتاڭ، لەڭمەن، فېنتاڭدىن ئىبارەت يەتتە تۈرلۈك خاس مەززىلىك تائامنىڭ كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى.


مەنبە:تىيانشان تورى ۋېيبوسى

شۇڭا

شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن

تۇنجى قەدەمدە مەھسۇلاتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كېرەك


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

شىنجاڭ چاۋمىفېنى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن

ئالدى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى


مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى

قىزىل تائام كەسپى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە بارلىققا كەلگەن ئاجېن تەملىك مىفېن، ۋۇجيا بەنمىفېن، لافېڭچىن قىيام تەملىك مىفېن، بېيجىڭدا بارلىققا كەلگەن خۇاشياۋشياۋ شىنجاڭ چاۋمىفېنى، شىجياجۇاڭدابارلىققا كەلگەن شىياسۇ شىنجاڭ چاۋمىفېنى قاتارلىقلارنىڭ مەملىكەت بويىچە دۇكان سانى 300دىن ئاشقان. شىنجاڭدا ساياھەت قىزغىنلىقى يۇقىرى، گۈرۈچ ئۇنى مەھسۇلاتلىرىنىڭ «گېنى» كۈچلۈك، تاراتقۇ ماركېتىڭى كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ «ئۈچ ئوت»نىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ چاۋمىفېنىدىن ئىبارەت بۇ ئىنچىكە ئايرىلغان مۇسابىقە يولى مەملىكەت دائىرىسىدە تېز قەد كۆتۈردى.

2020-يىلىدىن بۇيان

شىنجاڭ چاۋمىفېنى سانائەتلەشتۈرۈشنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ

ۋاڭ شياۋجياڭ، چيەنفېن شىشى، جياجياخۇي قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار باش كۆتۈردى

شۇنىڭ بىلەن بىللە

مەملىكەت بويىچە گۈرۈچ ئۇنى ئۈچۈن مۇچ قىيامى پىششىقلايدىغان

شىنجاڭ شىئېردەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىمۇ

شىنجاڭ چاۋمىفېن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مۇسابىقە يولىغا كىردى


مەنبە:تېڭشۈن سىنى

قىزىل تائام كەسپىتەتقىقات ئورنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە

شىنجاڭدا كېيىنكى قېتىمدا مەملىكەت بويىچە بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغىنى سامسا بولۇپ

ئۇنىڭ كېيىنكى قېتىمدىكى «شىنجاڭ چاۋمىفېنى» بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن

2023-يىلى 11-ئايغىچە، ئوۋيۈ لوۋلەن شىنجاڭ سامسىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە 130دىن ئارتۇق دۇكىنى بار بولۇپ، ئاساسلىقى شەندۇڭ، خېنەن، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ئوخويې شىنجاڭ سامسىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە 30دىن ئارتۇق دۇكىنى بار بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.


شىنجاڭدىكى مەلۇم ئاشخانىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆزگىچە جاۋماجىنى كۆرسەتمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

ساۋەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرى رىقابەت كەسكىن بولغان فىرانسىيە، ئامېرىكا بازارلىرىدىمۇ مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇپ، دۇنيادىكى 74 دۆلەت ۋە رايونغا تەسىر كۆرسىتىپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. يەنە ليۇجوۋ لوشىفېنى ئۆلچەملەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق سانائەتلەشتۈرۈلۈپ، ۋاڭخۇڭ لوشىفېنغا ئايلىنىپ، ليۇجوۋ شەھىرىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەنگە يەتتى.


مەنبە:خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك ئۆلچەم سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ

شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنى «سىرتقا چىقىرىش» قەدىمىنى تېزلىتىپ

كاۋاپ، شىنجاڭ داپەنجىسى، شىنجاڭ جياۋماجىسى قاتارلىق

تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ مەززىلىك تائاملىرىنىمۇ

پۈتۈن مەملىكەتتە دۇكان كۆپەيتىپ ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا