导航切换

​ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى قوشۇش كېرەك

日期:2024年09月25日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئۆمەك باشلاپ 21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ھەم گۇاڭشىدا ئۆگىنىشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، نەننىڭ، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆمەك باشلاپ گۇاڭشى نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى ھەم جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم گۇاڭشىدا ئۆگىنىشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە سىجىل ئازاد بولۇپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.

21 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىدە «يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىقتا يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىپ كەلگۈسىنى يارىتىش − جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3.0 نۇسخىسى قۇرۇلۇشى ۋە رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېما قىلىندى. ئاپتونوم رايونىمىز 50تىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك كارخانىنى تەشكىللەپ، «تور + تور سىرتى»دا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنى قانات يايدۇردى.

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى خاس تاۋارلار توپلىنىش مەركىزىنىڭ شىنجاڭ سارىيىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كۆرگەزمىسى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بازىرىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» نام كارتىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىلىرىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ۋە داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

گۇاڭشىدىكى مەزگىلدە، ئەركىن تۇنىياز ئەركىن سودا سىناق رايونى، كەسىپلەر باغچىسى، پورت، كارخانا، مەھەللە قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى، چېگرا بويى ئىقتىسادى، پورت قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. پىڭشياڭ كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان سارىيىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسەتنىڭ گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنى كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك باغچە رايونلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. گۇاڭشى جۇڭ گو ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (چۇڭزو) مېۋە سودا مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز مېۋە ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش، «چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى + شۇ جايدا پىششىقلاش» ئەندىزىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېمەكلىكلەرنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى زەنجىرىدىكى ئاساسلىق كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، «يول + ئىقتىساد - سودا + كەسىپ»نىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يوۋيىگۇەن پورتىدا، ئەركىن تۇنىياز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، يۈرۈشتۈرۈش ھەم ئاقىل پورت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، پورتنىڭ ئاقىللىشىش، قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن سودا ئەشيا ئوبوروتى، پورت، يېزا ئىگىلىكى - يېزا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال زورايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ كۆلەملىشىشى، سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. نەننىڭ شەھىرىنىڭ لياڭچىڭ رايونى پەنلۇڭ مەھەللىسىدە، گۇاڭشى مىللەتلەر مۇزېيىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: جەمئىيەت ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇزېينىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك، تەجرىبىسى مول بوپتۇ، شىنجاڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش داۋامىدا ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ ئۆگىنىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سەۋىيەدە بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىدىن لياۋ پىنخۇ، سۈي گوخۇا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.