− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
بۇ يىل، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىدۇ.
«1949 - يىلى»دىن «2024 - يىلى»غىچە بولغان ئىككى مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى مىسلىسىز ئۆزگىرىش، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغان 75 يىلنى تۇتاشتۇردى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش، قۇدرەت تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرغان 75 يىل. بۇ، ئەمگەكچان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتكەن 75 يىل.
بولۇپمۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ بەردى. شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشتىن تۈرلۈك كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە
باش كۈزدىكى شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق ئىدى.
قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن تۈر قۇرۇلۇشى ئىش ئورۇنلىرى، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ تۇرغان سېخلار، كۈنسېرى يېڭى تۈسكە كىرىۋاتقان سانائەت باغچە رايونلىرى، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كەسىپ بازىلىرى... ھەممە يەردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىدى.
بۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى شىنجاڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈردى.
ئۇ چاغدا، شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ناتۇرال ئىگىلىك ئىدى، گەرچە يېقىنقى زامان سانائەت كارخانىسىدىن 363ى بار بولسىمۇ، ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاشلا خۇسۇسىي ھۈنەرخانا بولۇپ، تېخنىكا سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 1000غىمۇ يەتمەيتتى، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى، پەقەت ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر، كوكس، خىش، خۇرۇم، ئاشلىق - ياغ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرالايتتى.
يىللارنىڭ قەدىمى 75 يىلنى بېسىپ ئۆتتى، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشتىن تۈرلۈك كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە، شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىدە زور ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى −
1978 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليارد 907 مىليون يۈەن بولغانىدى، 1997 - يىلى 100 مىليارد يۈەنلىك تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2010 - يىلى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، 2017 - يىلى 1 تىرىليون يۈەندىن ھالقىدى. 2023 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 912 مىليارد 591 مىليون يۈەن بولۇپ، 1978 - يىلىدىكىدىن 488.5 ھەسسە ئاشتى.
بۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى جاپاغا چىداپ نەتىجە يارىتىش، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ كوردىناتى ۋە دەلىلى.
75 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تارىخىنى بىلىپ، ئورنىنى تونۇپ، مەنزىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ تارىخىي يۆنىلىشى ۋە كوردىناتىنى جايىدا ئىگىلىدى. بولۇپمۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەمىشە ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىش قىلىندى.
دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئۆز تەرەققىياتىنى غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
ئۇنتۇلغۇسىز تارىخىي پەيتلەرگە نەزەر سالساق، كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 1 مىليون 100 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ ئاران %0.97ىنى ئىگىلەيتتى؛ 1986 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون توننىدىن ئاشتى، 2009 - يىلى 10 مىليون توننىدىن ئاشتى؛ 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 21 مىليون 190 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %34.4ىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
1962 - يىلى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى پۈتۈپ، شىنجاڭدا تۆمۈريول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى؛ 1989 - يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولغان ئۈرۈمچى − ئالمۇتا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى؛ 2000 - يىلى، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولغان ئۈرۈمچى − كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى؛ 2024 - يىلى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، كېلەر يىلى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى... كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان قاتناش ئەندىزىسى شىنجاڭنى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇرۇپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
1982 - يىلى، قونجىراپ پورتى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى؛ 2010 - يىلى، قورغاس بىلەن قەشقەردە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش تەستىقلاندى؛ 2023 - يىلى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ «يېڭى يەر بەلگىسى» ۋە «تەجرىبە ئېتىزى»غا ئايلاندى.
...
ھەيۋەتلىك تىيانشاندا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى. شىنجاڭ بىر رايوننىڭ نۇرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە ھۆسن قوشماقتا.
نامرات، ئارقىدا قېلىشتىن بېيىشقا قاراپ مېڭىشقىچە
يېقىندا، دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 14 مىليون 80 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %103ئاشتى؛ شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10تىن ئاشتى.
دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدىكى كۈچلۈك رىقابەت كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مۇھىم ھالقا بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ «يېڭى بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ «يېشىل بولۇش»قا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى ئېنېرگىيە «قوش كاربون» مۇسابىقە يولىدىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالماقتا.
ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى بىر ئىخچام كارتىنا.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى بىرلا خىل بولۇپ، بېكىنمە ھالەتتىكى ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق ناتۇرال ئىقتىساد قۇرۇلمىسىغا تەۋە ئىدى.
1955 - يىلى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ، تىپىك ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كەسىپ ئەندىزىسى ئىدى.
«ئىلگىرى يەر تېرىشتا بىر ئوتىغۇچ، بىر كالا ۋە بىلەك كۈچىگە تايىناتتۇق» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگوۋ بازىرى ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ پېيكې.
يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدا، شىنجاڭ بايلىق، رايون ئورنى، سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كەسىپ قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ئەلالىشىپ، دەرىجىسى ئۆسۈپ، 2012 - يىلىدىكى 16.2:44.9:38.9دىن 2021 - يىلىدىكى 14.7:37.4:47.9غا تەڭشەلدى.
2022 - يىلى، 2023 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا كېلىپ، مەۋقەنى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئالاھىدىلىكى»نى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى. ئاپتونوم رايون بويىچە 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك 11 چوڭ قۇرۇلۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك 11 چوڭ قۇرۇلۇش ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىغا تايىنىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى بەرپا قىلىندى، 10 مىليارد يۈەن ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى ئارقىلىق رايون ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىندى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاش پائال ئالغا سىلجىتىلدى... شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.
تەرەققىياتقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلققە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقتۇر.
قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن 75 يىلدا، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسەتتى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
«شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز يىلدىن - يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ» كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتەمخان مەمەتئېلىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
2023 - يىلى، شىنجاڭدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 40 مىڭ 578 يۈەن بولۇپ، 1978 - يىلىدىكى 319 يۈەننىڭ 127.2 ھەسسىسىگە؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 17 مىڭ 948 يۈەن بولۇپ، 1978 - يىلىدىكى 119 يۈەننىڭ 150.8 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.
بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكىچە
بۇ توققۇز ئايدا، جۇڭگو - قىرغىزىستان بەدەل پورتى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىلدى، قونجىراپ پورتى يىل بويى ئېچىۋېتىشنى كۈتۈۋالدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا يېڭى جانلىق ئەمەلىيەت پۈتۈپ چىقىلدى.
ئېچىۋېتىش - تەڭ نەپ ئېلىش، يۇغۇرۇلۇش - ئورتاق بەھرىلىنىش باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنياغا قۇچاق ئاچقان ھالىتى بولۇپ كەلدى.
شىنجاڭ ئەزەلدىن شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلىپ، شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنى ئاچقان.
«شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى تېخىمۇ مەزمۇت قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئاچماقتا −
قورغاس پورتىدا، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى − «پولات كارۋان» خەلقئارا تۆمۈريول لىنىيەسىدە ئۇچقاندەك قاتناپ، جۇڭگو ۋە ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تېخىمۇ كەڭ تاۋار سودا ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.
ئالاتاۋ «يىل بويى چىقار بوران، ئەتىيازدىن قىشقا ئۇلىنىپ ھامان» دېگەندەك گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان جايدىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بۇ يەرگە توپلاندى.
...
20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، شىنجاڭنىڭ سودا ھەمراھى ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى ئاز ساندىكى دۆلەتلەر ئىدى، كېيىن تەدرىجىي شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونى ھەمدە شىمالىي ئامېرىكا، غەربىي ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا يۆتكەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى 206 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا قىلدى.
يېقىندا، ئىتالىيە تىرامىت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جىئاننىئو تىرامىت ئارزۇ بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭدىكى بىر يېمەكلىك كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقئارا يېمەكلىك بازىرىنى ئاچتى، «قەلبىمدە جۇڭگو شىنجاڭ بازىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى تەڭداشسىز».
شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسىنى 100 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە 15 يىل ۋاقىت كەتكەنىدى؛ 200 مىليارد يۈەندىن 300 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە پەقەت بىر يىللا ۋاقىت كەتتى. بۇ يىل يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. شىنجاڭ ئىقتىسادى يەرشارىۋى ئىقتىسادقا يۇغۇرۇلدى.
بۈگۈنكى شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرماقتا −
«تۆت ئۆلچەم بويىچە سۇنى ئىدارە قىلىش» سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەشكە تۈرتكە بولدى؛
دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مۇسابىقە يولىدا بەسلەشمەكتە؛
«بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» تۇتاشتۇرۇلدى... كەينى - كەينىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات دۆلەت ئۈچۈن «يول ئىزدىدى»، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدى.
ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، 75 يىلدا توسالغۇلار سۈپۈرۈپ تاشلاندى؛ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، تىيانشان يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر مەقسەتتە بولىدۇ. شىنجاڭ مۇقەررەركى، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىدۇ!