导航切换

«چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسى»دە ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداشقا ۋارىسلىق قىلىش سارىيى بار

日期:2024年09月25日
来源:天山网
【字体:

​− «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چېگرا قوغداش ھېكايىسى (3)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«سولغا بۇرۇل!» «ئوڭغا بۇرۇل!» 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دېڭىز يۈزىدىن 4200 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىكتىكى لاچىن ئارمىيە - ساقچى - خەلق بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتى» دېيىلدى)دا، چارلاشتىن قايتىپ كەلگەن شاكىر ئوسمانجان، ئايات بىل قاتارلىق چېگرا قوغدىغۇچىلار قاتار تىزىلىپ، سەپ تۈزۈش مەشىقىنى باشلىدى.

سەپنىڭ ئالدى تەرىپىدە، لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قويۇلغان لاچىن بايەكەنىڭ يېرىم بەدەن ھەيكىلى بار بولۇپ، ھەيكەل تەگلىكىگە «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكەنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى ئويۇلغانىدى؛ سەپنىڭ ئارقا تەرىپىدە، «خەلق قوغدىغۇچىسى» بايەكە كەلدىبېكنىڭ قوتازنى يېتىلەپ، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىگە يول باشلاپ چېگرا چارلاۋاتقان ھەيكىلى بار ئىدى.

«لاچىن ۋە ئۇنىڭ دادىسى بايەكە، بوۋىسى كەلدىبېك دىلدار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىمىزدىكى مەنىۋى ئۈلگىمىز، بىز ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىنىڭ ياخشى يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ياخشى قوغدايمىز» دېدى ئىلگىرى لاچىن بىلەن بىللە يول باشلاپ چېگرا چارلاشقا قاتناشقان شاكىر.

لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 105 كىلومېتىر، قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسى جۇڭگو - پاكىستان 7 - نومۇرلۇق چېگرا تېشى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېقىن ئەتراپتا قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى ۋە قونجىراپ چېگرا ساقچىخانىسى بار، بۇ، 15 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى چارۋا بېقىپ چېگرانى قوغدايدىغان ئاممىنىڭ ئېگىزلىكتىكى ماياكى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ جايدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەر ۋە چېگرادىن كىرگەن - چىققان خادىملارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزىدىغان ئۆتەڭ.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىدىكى بىر كادىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتى 2018 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە «تىزناپ يېزىسىدىكى ئارمىيە - ساقچى - خەلق بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتى» ئىدى. لاچىن ھايات ۋاقتىدا بۇ يەردە خىزمەت قىلغان بولغاچقا، 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى لاچىن كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا بەختكە قارشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغاندىن كېيىن، لاچىننىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغداشتەك قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىغا «لاچىن» دەپ نام بەرگەن.

شاكىر قاتارلىق چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە، لاچىن يىراققا كەتمىدى، بايەكەمۇ قېرىپ كەتمىدى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن يول باشلاپ چېگرانى چارلاۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شاكىرنىڭ دادىسى ئوسمانجان قۇنۇش ياش ۋاقتىدا بايەكە بىلەن بىللە خەلق ئەسكىرى بولغان، ئۇلار ھەم ئۇرۇق - تۇغقان ئىدى، بايەكە چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىگە يول باشلاپ چېگرانى چارلىغاندا، ئۆيىدىكى قوي - كالىلىرىغا قارىيالمىغاچقا، ئوسمانجان بايەكە ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ قوي - كالىلىرىغا قارىشىپ بېرەتتى، ئوسمانجان دائىم ئائىلىسىدىكىلەرگە بايەكەنىڭ چېگرانى چارلىغاندىكى جاپا - مۇشەققەتلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى.

«بايەكەنىڭ ئۆيى تىزناپ يېزىسىنىڭ تىزناپ كەنتىدە، بىز قوشنا. مەن كىچىك ۋاقتىمدا بايەكەنىڭ چېگرانى چارلىغانلىقى، چېگرانى قوغدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، شۇڭا چېگرا قوغدىغۇچىلىق خىزمىتىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئايالىم تۇيىك مەنسۇر ھازىرمۇ چېگرا قوغدىغۇچى» دېدى ھايات.

لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىدىكى چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بايەكە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇناسىۋىتىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. 2021 - يىلى قەشقەر داشۆنى پۈتكۈزگەن ئەسىرجان تاھىر ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن قارارىنى ئۆزگەرتىپ چېگرا قوغدىغۇچى بولۇشنى تاللىدى، چۈنكى ئۇ بايەكە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە ئۇچرىشىدىن قورقمايدىغان، شەخسىي پايدا - زىيىنى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە قەھرىمانلىق ھەرىكىتىدىن تەسىرلەنگەنىدى.

بايەكە چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى لاچىنغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ پۈتۈنلەي «پېنسىيەگە چىقمىدى»، ئۇ دائىم 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن چېگرا چارۋىچىلىق رايونىغا كېلىپ، ياش چېگرا قوغدىغۇچىلارغا ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ۋە چېگرانى چارلاش، قوغداش تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ يىل «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىدا، تېنى ئاجىزلاپ قالغان ئۇ يەنە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى، لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئۇلارنى يوقلىدى ھەم ھال سورىدى.

ئىگىلىگەن يېرى 5.2 مو كېلىدىغان لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىدا ماددىي ئەشيا ئامبىرى، پائالىيەت ئۆيى، ئاشخانا، ياتاق، مۇلازىمەت پونكىتى، ئۆگىنىش ئۆيى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەر ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان «چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسى» بولۇپ قالدى. ئەسىرجان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بايەكە قاتارلىق پېشقەدەم چېگرا قوغدىغۇچىلار چېگرانى چارلىغاندا بۇنداق ياخشى شارائىت يوق ئىدى، ئۇلار قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمىغا تايىنىپ، قار - شىۋىرغانغا قارىماي، سۇ كېچىپ يول چارلايتتى، ھازىر يول، ئاپتوموبىل، ماددىي ئەشيا، تۇرالغۇ قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى شارائىت ياخشىلاندى، بىزنىڭ يەنە ياخشى ئىشلىمەسلىككە نېمە ئاساسىمىز بار؟»

لاچىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمەت پونكىتىدا ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداشقا ۋارىسلىق قىلىش سارىيى ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىچىدە ئەسلىي قىياپىتى ساقلىنىپ قالغان لاچىننىڭ ياتىقى، بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ چېگرانى چارلىغان، قوغدىغاندىكى سۈرىتى ۋە ماددىي بۇيۇملىرى بار ئىدى. بۇ يەردە، مەيلى چېگرانى قوغداۋاتقان، چارلاۋاتقان چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، چېگرا ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى، چېگرا قوغدىغۇچىلار بولسۇن ياكى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن كادىرلار، ئامما، ئارام ئالغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر بولسۇن، «ھەممە ئادەم لاچىن بولۇشقا تىرىشىدۇ، ھەممە ئادەم لاچىندۇر» دېگەن غايەت چوڭ لوزۇنكا ئالدىدا تۇرغاندا، ھەممىسىدە چوڭقۇر ئورتاق سادا ھاسىل بولىدۇ.