ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش ئالىم راخماننى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىشقا قوشۇلدى. 9- ئاينىڭ 19- كۈنى تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىش مۇراسىمى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «يولداش ئالىم راخماننى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەپ تولۇقلاپ ئېتىراپ قىلىشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ۋىلايەتلىك لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى يولداش ئالىم راخماننىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن بايان قىلدى.
يولداش ئالىم راخمان گۇڭئەن قوشۇنىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇپ، خەلق ئاممىسى ھايات- ماماتلىق خەۋپ- خەتەرگە دۇچ كەلگەن ھالقىلىق پەيتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، قەتئىيلىك بىلەن سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچەيلەننىئىلگىرى- كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىققان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ماغدۇرسىزلىنىپ سۇ ئېقىتىپ كېتىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولغان. ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش»تەك قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز ھاياتى ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى ئىزاھلاپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب روھىنى، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، گۇڭئەن ئورگانلىرى ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
يولداش ئالىم راخمان گەرچە بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ روھى بىزنى مەڭگۈ ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات، بىز ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.