导航切换

ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىل كېيىنكى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى (يازما ئىمتىھان)دىن بۇرۇنقى سەمىمىي ئەسكەرتمە

日期:2024年09月09日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ 2024-يىلكېيىنكى يېرىم يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى (يازما ئىمتىھان) 9-ئاينىڭ 15-كۈنى (يەكشەنبە) ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تېنچ-ئامان، ئوڭۇشلۇق قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئەسكەرتىلدى.

بىرىنچى، ئىمتىھان ۋاقتىنىڭ تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.بىرىنچى مەيدان ئىمتىھان 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00-9:00گىچە ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ كونكرېت ئورنى، ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە ئىمتىھانغا بارىدىغان يولنىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ئالدىن ئىگىلەپ، ئىمتىھانغا بارىدىغان لىنىيەنى مۇۋاپىق پىلانلاپ ھەم ئىمتىھان كۈنىدىكى ھاۋارايى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇپ، ئىمتىھان مەيدانىغا ئىمكانقەدەر بالدۇر بېرىپ، ئىمتىھانغا ۋاقتىدا قاتنىشىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 15 مىنۇت كېچىكسە ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھانغا قاتناشسا بولمايدۇ، ئىمتىھان ئاخىرلىشىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلسا بولىدۇ.

ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى پىششىق ئىگىلەپ، ئىمتىھان ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش كېرەك.ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش ئىقتىدارى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 10دا ئېچىۋېتىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىپ، «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»دىكى «ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»نى ئەستايىدىل ئوقۇشى كېرەك، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان ۋاقتىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىمتىھانغا ۋاقتىدا قاتنىشىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان باشلاش قوڭغۇرىقى چېلىنىشتىن بۇرۇن قەلەم تەۋرىتىپ جاۋاب يازماسلىق؛ ئىمتىھان ئاخىرلىشىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندىن كېيىن، جاۋاب يېزىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك. مۇددەتتىن بۇرۇن جاۋاب يېزىش، ۋاقىت توشسىمۇ جاۋاب يېزىشنىتوختاتماسلىقئىمتىھانئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ بېكىتىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىش نەتىجىسى نەق مەيداندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يان تېلېفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىن يوللاش كۆزەينىكى، كۆرۈنمەس تىڭشىغۇچ قاتارلىق ئۇچۇر يوللاش ياكى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۈسكۈنىلەرنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇياكى ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ تەلىپى بويىچە مەركەزلىك باشقۇرۇلىدۇ. ئىمتىھان مەزگىلىدە، بۇ خىل بۇيۇملار بايقىلىپ قالسا، مەيلى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەن بولسۇن، بىردەك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلغان دەپ بېكىتىلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئىمتىھانغا سەمىمىيلىك بىلەن قاتنىشىپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىللىقىنى قوغداش كېرەك.ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيەت ئىمتىھانىيېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ جاۋاب يېزىش كارتىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمىغا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھاننى سەمىمىيلىك بىلەن بېرىش ۋەدىسى مەزمۇنى قوشۇلدى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جاۋاب كارتىسىدىكى «مەن ۋەدە بېرىمەن» دېگەن جايغا «ئىمتىھاننى سەمىمىيلىك بىلەنبېرىشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن» دېگەن يازما ۋەدىنى يېزىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنىڭ نورمال خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەردە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار كۆرۈلسە، «دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىمتىھاندا يان تېلېفون قاتارلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئىمتىھان مەيدانى سىرتىغا ئىمتىھان سوئالى (جاۋابى) ئۇچۇرىنى يوللاپ، يەتكۈزۈپ ۋە قوبۇل قىلىپ كۆچۈرمىچىلىكقىلغانلار گوڭئەن تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە يەنە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولمايدۇ.

تۆتىنچى، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.ئىمتىھان يېقىنلاپ قالدى، جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار تور ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە «ئىمتىھاندا ياردەم بېرىش» ياكى «ھەقىقىي سوئال بىلەن تەمىنلەش» شۇنداقلاكۆچۈرمىچىلىك قىلىش قوراللىرىنى سېتىش قاتارلىق زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ،كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئالدىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھانى تورى (/https://ntce.neea.edu.cn)غا كىرىپيېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولسا، ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تەلەپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىپ، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.


«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى