شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىدا جەمئىي پۈتۈشۈش كۆلىمى 140 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مۇقىم ئاشتى. بازارلاشقان سودا مېخانىزمى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودا بازىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى بازارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىسىدا يېڭى ئېنېرگىيە سودىسى كۆلىمى 48 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %190 ئاشتى. بۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ يەنىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكى ۋە جانلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى تىپىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
2024 - يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىدا ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بىۋاسىتە سودا، يېشىل توك سودىسى، توختام سودىسى، توك تارقىتىش ھوقۇقى سودىسى، يېڭى ئېنېرگىيە سەپلىمە سودىسى قاتارلىق سودا تۈرلىرى شەكىللەندۈرۈلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭ بۇ يىل ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىدا خىزمەت كۈنى بويىچە ئۇدا 200 تۈركۈم قېتىم بازار ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئۆرلىدى.
شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى بازار مېخانىزمى، سودا قائىدىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا تەشكىللەش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چەكلىك نورمىلىق ھېسابلاش، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تورغا چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودىنىڭ جانلىقلىقى ۋە ئاشكارىلىقىنى ئۆستۈردى.
2016 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سودا تەشكىللەش كۆلىمى جەمئىي 700 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي توك سېتىش مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك سودىسى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ»قا ئايلاندى.