شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇەن يىجۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسى تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۈ فۇتيەن، ئاپتونوم رايون تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىدىكى يولداش تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.
دۇەن يىجۈن مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىلى ئوبلاستى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى تەرەققىيات باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشىپ تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.
يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلار يەنە ئىلى ئوبلاستىدىكى يېزا - كەنت ئاساسىي قاتلاملىرى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، پورت قاتارلىق جايلار ھەم بىڭتۇەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.