ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2024 - يىللىق كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
ئىسلاھات، تەرەققىيات مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2024 - يىللىق كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ لىن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشىنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى سەگەكلىك بىلەن ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يولنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ئىرادە ۋە بۇرچ - مەسئۇلىيەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك. جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئىرادىسى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ يېڭى مەنزىل ئېچىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دادىل ئىش قىلىپ ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ساپ ئىستىل ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ھەربىر تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، دەل جايىدا بولۇشنى تۇتۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.