2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
ئاپتونوم رايونىمىزدىن بىر ئوقۇتقۇچى تاللاندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شۆيۈەن مۇدىرى، پىروفېسسور ۋاڭ شۆلى تاللاندى.
ۋاڭ شۆلى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشى بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل يىلتىز تارتقان، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 36 يىلدىن بۇيان، ئۇ قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېكايە ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تۇتقا قىلىپ، «مىسال ئارقىلىق يېتەكلەش، مەسىلىنى يادرو قىلىش»تىن ئىبارەت ئىزدىنىش شەكلىدىكى مەخسۇس تېمىلىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇشقا باھا بەرگەندە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق بىلدۈردى: «ۋاڭ مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىمىز، ئەمما ئۆگىنىش، ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇ ئۆگەتكەن ئادەم بولۇش پىرىنسىپى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قىممەت يۆنىلىشىگە قەتئىي ئىشەندۇق».
يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ۋاڭ شۆلى تايانچ ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، بۇ مەكتەپ ماركسىزم شۆيۈەنى تەتقىق قىلىپ ئاچقان «بىر تور ئارقىلىق چوڭقۇر رىشتە باغلاش» ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مەكتەپلەر ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئوقۇتۇشى كۆچمە ئۆگىنىش سۇپىسىنى تايانچ قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئىدىيەۋى - سىياسىي ئوقۇتۇش سەرخىل دەرسلىكى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك دەرسلىكلەردە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندى قاتارلىق 12 تېمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، ئون مەخسۇس ئەسەر، دەرسلىكنى باش بولۇپ تۈزۈپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچى قاتارلىق شان - شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
«مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىسى بولۇپ تاللانغانلىقىم ھەم تۈرتكە، ھەم مەسئۇلىيەت.» ۋاڭ شۆلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنىڭ مايىل قىلىش كۈچى ۋە قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرستىن ئادەم بولۇش، ئىش قىلىشتىكى ئەقىل - پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىدىغان ئىدىيەۋى كۈچكە ئېرىشتۈرىمەن.