گۇ شيۇليەن شىنجاڭغا كېلىپ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

日期:2024年09月07日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىدىن 5 ـ كۈنىگىچە، 10 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇ شيۇليەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى بازىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. گۇ شيۇليەن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازا ۋە مەكتەپ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى قانداق قىلىپ تەسىرلىك، جانلىق قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسنى ياخشى يولغا قويۇپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يولۇققان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، مۇھىت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئىدىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، دەرسلىك ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، پائالىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى پائالىيەت بازىسى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ يەردە ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى قانات يايدۇرغان بىر قاتار مەدەنىيەت تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. گۇ شيۇليەن مۇنداق تەكىتلىدى: «بەش پېشقەدەم»لەر ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مول، كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەشۋىق ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياش ـ ئۆسمۈرلەرنى غايە ـ ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان ئىرادە تىكلەشكە يېتەكلىشى كېرەك.

قەشقەر ۋىلايىتىدە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بازىسى، ئەسىرلىك قەشقەر سارىيى، قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى، قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭ بويى كوچا باشقارمىسى ئۆستەڭ بويى يولى مەھەللىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە نۇقتىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى ياشلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشى، قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا يار ـ يۆلەك بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ «بەش پېشقەدەم»لەر ئىدىيە ـ ئەخلاق، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قانۇنچىللىق تەشۋىق ـ تەربىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، گۇ شيۇليەن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ يىل شىنجاڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «يېڭى دەۋردە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە ـ ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە خىزمەت ماركىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «بەش پېشقەدەم»لەر خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، تور بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى تەشكىلاتى قۇرۇشىنى قوللاپ، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمەت كومىتېتىنىڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، گۇ شيۇليەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم كۆرۈشتى.

دىلشات قىدىرخان، لى شۆجۈن، بادەي قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.