ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس تېمىلىق خىزمەت يىغىنى ئاچتى

日期:2024年09月07日
来源:天山网
【字体:

ئىستېمال ۋە مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس تېمىلىق خىزمەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كېڭەيتىش، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرما. «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىستېمال ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېمەك ـ ئىچمەك، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ـ تەنتەربىيە، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى توردا كېڭەيتىپ سېتىشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىگە دائىر تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»«ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ـ كەنت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە كۈچلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ بىنالارنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ھەر ۋاقىت ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە بىر تۈركۈم كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى ئارتۇقچىلىقىنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇپ، كۈچ ـ قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ ـ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئالتۇن مەزگىلنى كۈتۈۋېلىپ، ئىستېمالنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»غا كىرگۈزۈشتىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى تولۇق تونۇپ، سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ماس ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، ساياھەت ئاپتوموبىلى ئىجارە كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چوڭ ـ چوڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، تۈرلۈك بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، قار ـ مۇز بايلىقى، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، «ئاۋات پەسىلدە تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش، كاسات پەسىلدە كاساتلاشتۇرماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەنزىرە نۇقتىلىرى، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى، ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.